تىيانشان تورى خەۋىرى: «سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى 2019-يىلى 11-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ مەنزىرە سۈپىتىنى باھالاپ بېكىتىشى ئارقىلىق، دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى قۇرۇش تەييارلىق تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. نۆۋەتتە سايرام كۆلى دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى قاتارىغا كىرىشكە ئاتلىنىۋاتىدۇ.» 3-ئاينىڭ 23-كۈنى، شىنجاڭ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى ساياھەت تەرەققىياتى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ لەننىڭ ئېيتىشىچە، سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىغا ئوخشاش، موگۇيچېڭ مەنزىرە رايونى، جامبۇلاق مەنزىرە رايونىمۇ دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىش ھالقىلىق باسقۇچىغا كىردى، بۇ شىنجاڭدىكى ئۈچ مەنزىرە رايونىنىڭ دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىغا قاراپ چوڭ قەدەم تاشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
موگۇيچېڭ مەنزىرە رايونى مەنزىرە رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈش، ساياھەتچىلىك كەسپىنى بېيىتىش ئۈچۈن 120 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ساياھەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى ۋە ئىقتىدارىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆپ خىل تىپتىكى ئاساسىي تېما قىلىنغان مەھسۇلاتلارنى بەرپا قىلىپ، ساياھەت سۈپىتىنى ئۆستۈردى؛ سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى قاتناش، ساياھەت ئەسلىھەلىرى، ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت، مەدەنىيەت كەيپىياتى، ئاقىل مەنزىرە رايونى، بايلىق ۋە مۇھىت ئاسراش قاتارلىق تۈرلۈك قۇرۇلۇشلارنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەنزىرە رايوننىڭ مۇھىت سۈپىتى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ھېس قىلىش دەرىجىسىنى ئۆستۈردى؛ جامبۇلاق مەنزىرە رايونى ساياھەت ئېسىل لىنىيەسىنى پائال بەرپا قىلىپ، ئۆي ئاپتوموبىل لاگېرى، ئېسىل پۇقراۋى تۇرالغۇ، سەنئەت لاگېرى، تاغلىق رايون تەنھەرىكەت باغچىسى قاتارلىقلارنى بەرپا قىلىپ، مەنزىرە رايوننىڭ يادرولۇق جەلپ قىلىش كۈچى ۋە بازار تەسىر كۈچىنى ئاشۇردى .
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2019-يىلى شىنجاڭ بويىچە 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن بىرى، 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن 13ى، 3A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن 23ى، 2A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن سەككىزى يېڭىدىن كۆپەيگەن. 16 مەنزىرە رايونى 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىشنى پائال ئىلتىماس قىلىۋېتىپتۇ.
شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى