تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چەرچەن ناھىيەسى: خىزمەت ئەترىتى خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلار لياڭ خاۋ، رېن تيەنخۇڭ خەۋىرى) «ھاشىم شۇجى، ئۆيىمىزنىڭ ئەۋرەز يولى توسۇلۇپ قاپتۇ، توختىماي سېسىق پۇراق چىقىۋاتىدۇ، قانداق قىلىمىز؟» يېقىندا، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چەرچەن ناھىيەسى ئاچچان بازىرى كۆنچىبۇلاق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ھەسەن ئىمىن خىزمەت ئەترىتىگە كېلىپ ئىنكاس قىلدى.

  چەرچەن ناھىيەلىك سۇچىلىق ئىدارىسىنىڭ ئاچچان بازىرى كۆنچىبۇلاق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرۈپ، سەككىز نوپۇسلۇق كەنت ئاھالىسىنىڭ ئەۋرەز يولىنىڭ توسۇلۇپ قالغانلىقىنى بايقىدى. خىزمەت ئەترىتى كەنت «ئىككى كومىتېت»ى كادىرلىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرىنى ئۆي سىرتىدىكى يەر ئاستى تۇرۇبا يولىنى كولاپ ئېچىشقا تەشكىللەپ، تۇرۇبا يولىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلۇپ كەتكەنلىكىنى ھەمدە كېرەكسىز نەرسىلەرنىڭ توسۇلۇپ قالغانلىقىنى بايقىدى.

  كېڭىشىش ئارقىلىق، خىزمەت ئەترىتى خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش خىراجىتىدىن 2600 يۈەن ئاجرىتىپ، 100 مېتىرلىق يېڭى تۇرۇبا ۋە 10 خالتا سېمونت سېتىۋالدى، ئىككى كۈنلۈك قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق، يېڭى ئەۋرەز يولى ئالماشتۇرۇلدى. نەق مەيداندا سىناق ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، پاسكىنا سۇ نورمال قويۇپ بېرىلدى ھەمدە غەيرىي پۇراق چىقمىدى.

  بۇ كەنتنىڭ 1-شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ھاشىم قۇربان مۇنداق دېدى: «ئاممىنىڭ ئىشىدا كىچىك ئىش يوق، بىز داۋاملىق كۆڭۈل قويۇپ، مېھىر-مۇھەببەت بىلەن ئامما خىزمىتىنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەيمىز.»

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى