تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

جوۋ گوجى: ئېگىز تاغدا يىلتىز تارتقان خەلقنى كۆزلەش نەمۇنىچىسى

جوۋ گوجىنىڭ سۈرىتى (2004 - يىلى 9 - ئايدا تارتىلغان). (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خاۋ تۇڭچيەن فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋۇخەن تېلېگراممىسى (مۇخبىر تەن يۈەنبىن) ئون نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، خۇبېي ئۆلكىسى ئېنشى تۇجيازۇ - مياۋزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا كەڭ كادىرلار، ئامما ئارىسىدا جوۋ گوجىنىڭ تەسىرلىك ئىش ئىزلىرى ھېلىھەم ئېغىزدىن - ئېغىزغا كۆچۈپ كەلمەكتە.

ئۇ ئاساسىي قاتلام خەلق ئىشلىرى كادىرى بولۇپ، ئۆزىنىڭ پۈتۈن ھاياتى ئارقىلىق بىر ئاساسىي قاتلام كادىرىنىڭ تاغلىق رايوندىكى ئاممىغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى ئىپادىلىدى. ئۇ 20 يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، نام - مەنپەئەتكە بېرىلمەي، جاپاغا، تاپا - تەنىلەرگە چىداپ، قەتئىي بوشاشماي ئاممىغا ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىنى تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىكى مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرگە يەتكۈزدى.

1984 - يىلى 9 - ئايدا، ھەربىي سەپتىن قايتقان جوۋ گوجى خىزمەت تەكلىپ قىلىشقا قاتنىشىپ دۆلەت كادىرى بولغان، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئېنشى ئوبلاستى شۈەنئېن ناھىيەسى ئەسلىدىكى چۈنمۇيىڭ رايونى خۇبا يېزىسى خەلق قوراللىق بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، خۇبا يېزىسى، سۇگۇ يېزىسىنىڭ يېزا باشلىقى، رايونلۇق خەلق ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان، رايون يېزىغا ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، خەلق ئىشلىرى ياردەمچىسى بولغان.

ئۇ قايسى كەسىپ بىلەن شۇغۇللانسا شۇ كەسىپنى سۆيۈپ، ئاددىي خىزمەت ئورنىدا ناھايىتى قالتىس نەتىجىلەرنى ياراتقان.

دېڭىز يۈزىدىن 1680 مېتىر ئېگىزلىكتىكى چۈنمۇيىڭ يېزىسى گوۋياۋبا كەنتى، جوۋ گوجى ھايات ۋاقتىدا ئەڭ كۆڭۈل بۆلگەن كەنت ئىدى. ئۇ بۇ يەردە كۆپچىلىكنى مامىرانچىن قاتارلىق دورا ماتېرىياللىرىنى تېرىشقا تەشكىللەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىشقا ئاساس سالغان. ھازىر، گوۋياۋبا كەنتىدە 1100 مو بال قارىغاي، 800 مو ئىقتىسادىي ئورمان، 100 مودىن ئارتۇق يەردە دورا ماتېرىيالى بار بولۇپ، نۇرغۇن دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ دورا ماتېرىياللىرىدىن ئىبارەت مۇشۇ بىر تۈردىلا قىلىدىغان يىللىق كىرىمى 20 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ.

1990 - يىلى چۈنمۇيىڭ رايونى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ يېزىغا قوشۇۋېتىلگەندىن كېيىن، جوۋ گوجى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم خەلق ئىشلىرى ياردەمچىسى بولغان. ئۇ بۇ ۋەزىپىنى ئۆتىگەندە، قارىماققا ئاددىي كۆرۈنسىمۇ تىللاردا داستان بولغۇدەك نۇرغۇن ھېكايىنى قالدۇرغان.

2001 - يىلى 3 - ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى كەچتە، جوۋ گوجى يېزىنىڭ مېتېئورولوگىيە تارمىقى كېچىدە مۆلدۈر ياغىدىغانلىقى، ئاپەت يۈزبېرىش ئېھتىمالى بارلىقىدىن ئالدىن مەلۇمات بەردى، دېگەن جىددىي ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان. ئۇ قولچىراغنى ئېلىپ، تېز سۈرئەتتە سەككىز كىلومېتىر يىراقلىقتىكى گوۋياۋبا كەنتىگە يېتىپ بارغان. بۇ جاي ئۇنىڭ ئالاقىلىشىش نۇقتىسى بولۇپ، ئۇ ئۆيمۇئۆي كىرىپ مۆلدۈر ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىشنى ئۇقتۇرغان ھەم كۆپچىلىكنى كىرلىك، يوتقان قاتارلىقلار بىلەن تاماكا مايسىسى يېتىشتۈرۈلۈۋاتقان پارنىكلارنى يېپىشقا بۇيرۇپ، بىخ چىقىرىۋاتقان تاماكا مايسىلىرىنى ۋەيران بولۇشتىن ساقلاپ قالغان.

2002 - يىلى 8 - ئايدا، شىددەتلىك بوران چۈنمۇيىڭ يېزىسى ۋادۇەنشەن كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى جاڭ زۇڭپىنىڭ ئۆيىنى ئۆرۈۋەتكەن. ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، جوۋ گوجى تاڭ يورۇماستا يولغا چىقىپ جاڭ زۇڭپىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى نەرسە - كېرەكلەرنى تازىلاشقا تەشكىللىگەن، جاڭ زۇڭپىنىڭ تۇرار جاي تېپىشىغا ياردەملەشكەن، شۇ ھامان قۇتقۇزۇش پۇلى تارقاتقان.

گوۋياۋبا كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى خۇ بەيچۈننىڭ قەلبىدە، جوۋ گوجى «تۇغقىنى»، «شەپقەتچىسى». 2003 - يىلى ئېنشى ئوبلاستى «كەپە تۈگىتىش» ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پاخال كەپە، تاش ئۆڭكۈرلەردە تۇرۇۋاتقان ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئۆي سېلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئەمىن ئۆي مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. ئەينى چاغدا ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان جوۋ گوجى يەنىلا بىرىنچى سەپتە خىزمەت قىلىپ، خۇ بەيچۈن بىلەن «ئالاقىلەشكۈچى» بولغان.

ئۇ چاغدا، خۇ بەيچۈننىڭ ئائىلىسىدىكى تۆت جان ئاددىي پاخال كەپىدە تۇراتتى. 70 ياشتىن ئاشقان خۇ بەيچۈن ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ئەينى يىللاردىكى پاخال كەپىدە «يازدا سىرتتا قاتتىق يامغۇر ياغسا، ئۆيدە سىم - سىم يامغۇر ياغاتتى. قىشتا كەپىدىن شامال ئۆتۈپ، سوغۇقتىن تىترەپ كېتەتتۇق، ئىسسىنىش ئۈچۈن ئامالسىزلىقتىن كۆممىقوناق پوستىنى ئۈستىمىزگە دۆۋىلىۋالاتتۇق».

شارائىت ناچار بولغاچقا، خۇ بەيچۈننىڭ ئىككى ئوغلى ئۇزاققىچە لايىق تاپالمىغان، بۇ خۇ بەيچۈننىڭ ئەڭ چوڭ باش ئاغرىقى بولۇپ قالغان. «گوجى كۆپ قېتىم ئۆيۈمگە كېلىپ، ھال - ئەھۋالىمنى سورىدى. بىر قېتىم ئۇ ئۆيدىن چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا تاغ باغرىدىكى چىغىر يولدا ھوشىدىن كېتىپ يىقىلىپ قالدى» سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، خۇ بەيچۈن ئىختىيارسىز ياش تۆكتى. «ئۇنىڭ ياردىمىدە، مەن 6000 يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسى ئىلتىماس قىلىپ، ھازىرقى ئۆينى سېتىۋالدىم. يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەن شۇ يىلى ئىككى ئوغلۇم ئارقا - ئارقىدىن توي قىلدى».

2003 - يىلى 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، جوۋ گوجى ئالتىنچى قېتىم خۇ بەيچۈننىڭ ئۆيىگە بېرىپ خىزمەت قىلىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز ھوشىدىن كېتىپ نەم چىملىققا يىقىلىپ چۈشكەن، كېيىن جىگەر راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان.

گەرچە ھاياتى ئاخىرقى چەككە يېقىنلىشىپ قالغان بولسىمۇ، جوۋ گوجىنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان قەدىمى توختاپ قالمىغان. ئۇ كېسەل بەدىنىنى سۆرەپ، پۈتۈن يېزىدىكى 84 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسىنى ئارىلاپ، كەپە ئۆيدە تۇرۇۋاتقان 127 ئائىلىنى تىزىملاپ رويخەتكە ئالغان، سۈرەتكە تارتىپ ئارخىپ تۇرغۇزغان. ھەربىر كەنتكە بارغاندا، ئۇ كەنت، گۇرۇپپا كادىرلىرى بىلەن ياردەم بېرىش - يۆلەش لايىھەسىنى ئەستايىدىل مەسلىھەتلىشىپ، ھەقىقىي يولغا قويۇشقا بولىدىغان تەدبىرلەرنى تۈزگەن.

ئۇ كەپە ئۆي ئىگىلىرىنىڭ تېزدىن يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئاخىرقى كۈچىنى ئايانماستىن سەرپ قىلىپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن خىزمەت قىلغان، كۆپ قېتىم تاغ يولى بويىدا ھوشىدىن كېتىپ، كەنت ئاھالىلىرى تەرىپىدىن بايقىلىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان.

2003 - يىلى 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى سەھەردە، 42 ياشلىق جوۋ گوجى يۇرتداشلىرىغا بولغان سەمىمىي مۇھەببىتىنى ئېلىپ، بۇ دۇنيادىن مەڭگۈلۈك ئايرىلدى.

پارتىيە ۋە خەلق خەلق ئۈچۈن پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خىزمەت قىلغان ياخشى كادىرلارنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. 2003 - يىلى 12 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، خۇبېي ئۆلكىلىك خەلق ئىشلىرى نازارىتى پۈتۈن ئۆلكە بويىچە خەلق ئىشلىرى سىستېمىسىدا يولداش جوۋ گوجىدىن ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرۇش قارارىنى چىقاردى. 2004 - يىلى 4 - ئايدا، خۇبېي ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى خۇبېي ئۆلكىلىك كادىرلار نازارىتىگە ھوقۇق بېرىپ يولداش جوۋ گوجىغا «خۇبېي ئۆلكىسى بويىچە نەمۇنىلىك مەمۇر» دېگەن شەرەپلىك نامنى تولۇقلاپ بەردى. 2004 - يىلى 10 - ئايدا، كادىرلار مىنىستىرلىقى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى يولداش جوۋ گوجىغا «خەلقنى كۆزلەش نەمۇنىچىسى» دېگەن شەرەپلىك نامنى تولۇقلاپ بەردى.

16 يىل جىمجىتلا ئۆتۈپ كەتتى. نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، جوۋ گوجى ھايات ۋاقتىدا ئەڭ كۆڭۈل بۆلگەن گوۋياۋبا كەنتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى، سېمونت يوللار كەنتلەرنى كېسىپ ئۆتۈپ ئائىلىلەرگىچە تۇتاشتۇرۇلدى، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى ئىللىق، گۈزەل تۈسكە كىردى...

2019 - يىلى، شۈەنئېن ناھىيەسى نامراتلىق قالپىقىنى تاشلىدى. «جوۋ گوجى دېگەن بۇ ئىسىم شۈەنئېن ناھىيەسىنىڭ بىر بەلگىسى بولۇپ قالدى. ئىلگىرى، ئۇ پۈتۈن ناھىيە بويىچە نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنى مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىگەن؛ بۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ پۈتۈن ناھىيەنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشىنى مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەيدۇ.» شۈەنئېن ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى شى تەن مۇنداق دېدى: جوۋ گوجىنىڭ تەسىرلىك ئىش ئىزلىرى، شۈەنئېن ناھىيەسىنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى، ئۇنىڭ مەڭگۈ ۋاقتى ئۆتمەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بىزگە تونۇش ئۈرۈمچى قايتىپ كەلدى...
  • توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىش
  • خوتەندىكى كەچلىك بازارلار ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى