تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

داشىمېن سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشى جىددىي قۇرۇلۇۋاتىدۇ

دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشى

داشىمېن سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشى جىددىي قۇرۇلۇۋاتىدۇ

3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، ئىشچىلار چەرچەن ناھىيەسىنىڭ چەرچەن دەرياسى داشىمېن سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا مەشغۇلات قىلماقتا.

(سۇ شىن فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى بايىنغولىن ئوبلاستى مۇخبىرلار پونكىتىدىن جوۋ خەيشيا خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، جەمئىي 1 مىليارد 900 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنىدىغان دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشى چەرچەن ناھىيەسىنىڭ چەرچەن دەرياسى داشىمېن سۇ ئامبىرىدا ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا، ئىشچىلار قېزىش، بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك مەشغۇلاتلارنى قىلىۋاتاتتى. نۆۋەتتە، 1 - نومۇرلۇق قاتناش تونېلى، 2 - نومۇرلۇق قاتناش تونېلى قاتارلىق قۇرۇلۇشلار ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى، توك چىقىرىش سۇ باشلاش سۈڭگۈچى، توسما يۈزىدىكى تاشقان كەلكۈن سۈيىنى ئېقىتىۋېتىش سۈڭگۈچى، ئاستىنقى تۆشۈك كەلكۈن قويۇۋېتىش - قۇم چىقىرىۋېتىش سۈڭگۈچى پۈتتۈرۈلدى. بىرلەشمە سۇ كىرىش ئېغىزىنىڭ توپا قۇرۇلۇشى تاماملاندى، ھادىسە قاپقىقى ھەم قوش يۆنىلىشلىك قاپقاق ماشىنىسى قۇراشتۇرۇلۇپ ئورنىغا قويۇلدى، سول قىرغاقتىكى ئېگىز قىرغاق يان باغرىنى بىر تەرەپ قىلىش تاماملاندى.

«بىز ھازىر قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان قىسىم توسما يۈزىدىكى تاشقان كەلكۈننى قويۇۋېتىش سۈڭگۈچى، ئۇ داشىمېن سۇچىلىق تۈگۈنىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بىر قىسمى بولۇپ، توسما ئىشلىتىلىۋاتقان مەزگىلدە ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن كەلكۈنگە يولۇققاندا توسمىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ» دېدى قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ مەسئۇلى شىڭ جۈنشې.

داشىمېن سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشىدا 2015 - يىلى 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى قۇرۇلۇش باشلانغاندىن بۇيان، جەمئىي 1 مىليارد 760 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملاندى، بۇ، ئومۇمىي سېلىنمىنىڭ %89.8ىنى ئىگىلەيدۇ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرى چۈشۈرگە چۈشۈرۈلۈپ سۇ ساقلاش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. تۈر پۈتكەندىن كېيىن، چەرچەن دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى تاغلىق رايونلاردىن كەلگەن كەلكۈننى تەڭشەپ تىزگىنلەپ، چەرچەن دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى مۇداپىئە ئوبيېكتلىرىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئۆلچىمىنى ھازىرقى ئۈچ يىلدا بىر قېتىم كۆرۈلۈشتىن 20 يىلدا بىر قېتىم كۆرۈلۈشكە ئۆستۈرگىلى بولىدۇ. سۇغىرىش رايونىدىكى 341 مىڭ 400 مو يەرنى سۇغىرىدىغان سۇنى تىزگىنلەپ، ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىننىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئۆلچىمى ۋە ئېتىزلارنى سۇغىرىشقا كاپالەتلىك قىلىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، سۇغىرىش رايونىدا پەسىل خاراكتېرلىك سۇ قىس بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك يېنىكلىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەتراپتىكى ئېلېكتىر تورىنى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تىرىكى بىلەن تەمىنلەپ، چەرچەن ناھىيەسى ۋە بىڭتۇەن 2 - شىسى 37 - تۇەنى، 38 - تۇەنىنىڭ سانائەت، يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنى توك بىلەن تەمىنلەش، توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قامدايدۇ، شۇ جاينىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

شىڭ جۈنشې مۇنداق دېدى: «بۇ تۈردە ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، تۈر ئىش ئورنىدىكى 111 خىزمەتچى خادىم نۇقتىدىن نۇقتىغا ئاپىرىپ - ئەكېلىدىغان ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ قۇرۇلۇش نەق مەيدانىغا كەلدى. ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، 4 - ئايدا ئىش ئورنىدىكى خادىملارنى 350كە يەتكۈزۈپ، ئىشنى تولۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى