تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقىرى سۈرئەتلىك يول چوڭ يول تۈر قۇرۇلۇشلىرىدا «ئاتاكا سىگنالى» چېلىندى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ خەۋەر قىلىدۇ: G7 بېيجىڭ − شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ شىنجاڭ ئىچى بۆلىكى، G30 شياۋساۋخۇدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش ھەمدە ئۈرۈمچى − لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى قاتارلىق تۈرلەردە تېز سۈرئەتتە ئىشنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شىنجاڭغا كىرىش - چىقىشتىكى ھەمدە جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول چوڭ يول تۈر قۇرۇلۇشلىرىدا «ئاتاكا سىگنالى» چېلىندى.

3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، G30 شياۋساۋخۇدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان بۆلەكنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنىڭ بىرىنچى توختام بۆلىكىدىكى قۇرۇلۇش نەق مەيدانى ئىنتايىن ئالدىراش بولۇپ كەتكەنىدى، قېزىش ماشىنىسى، موللاقچى ئاپتوموبىل، يول چىڭداش ماشىنىسى قاتارلىق ھەرخىل ماشىنىلار تەڭ ئاتلىنىپ، يول ئۇلى قىسمىدا قۇرۇلۇش قىلىۋاتاتتى. «3 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن بۇيان، تۈر باشقۇرغۇچى، تېخنىك خادىملارنىڭ ھەممىسى ئىش ئورنىغا كەلدى، 500دىن ئارتۇق قۇرۇلۇشچى ئىش ئورنىغا كىردى، قالغان قۇرۇلۇشچىلار كەينى - كەينىدىن ئىش ئورنىغا قايتماقتا. كېيىنكى مەزگىلدە، بىز مەبلەغ، ماتېرىيال، خادىم ۋە ئۈسكۈنىلەرنى كۆپەيتىپ، تۈردە 8 - ئاينىڭ ئاخىرى قاتناش باشلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز» دېدى شياۋساۋخۇ − ئۈرۈمچى تۈرىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى گۈەن چېڭجياڭ. شياۋساۋخۇدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان بۆلەك ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۇرپان − ئۈرۈمچى − داخۇاڭشەن يۇقىرى دەرىجىلىك يولىنىڭ تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتىپ قۇرۇلغاندىن كېيىن ئومۇميۈزلۈك سۈرئىتى ئاشۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شىنجاڭغا كىرىش - چىقىشتىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنىڭ قاتناش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلىدۇ.

G7 بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ ۋۇتۇڭ داچۈەن − ئاراتۈرۈك − باركۆل − مورى بۆلىكىدە 3 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئىش ئەسلىگە كېلىپ قۇرۇلۇش قىلىندى. «نۆۋەتتە 1000غا يېقىن كىشى تەشكىللىنىپ ئىش ئورنىغا يېتىپ كەلدى، ھەرقايسى قۇرۇلۇش ئورۇنلىرى ئالدىن پىلانلاپ، ئالدىن ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، قۇرۇلۇش مۇددىتىنى تەتۈر تىزىپ، قۇرۇلۇش پىلانىنى قەرەلىدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ» دېدى جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇشى پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يول چەكلىك شىركىتى قۇرۇلۇش باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى سۈن لياڭ. بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى بېيجىڭ، خېبېي، سەنشى، ئىچكى موڭغۇل، گەنسۇ، شىنجاڭدىن ئىبارەت ئالتە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەردىن ئۆتىدىغان بولۇپ، دۆلىتىمىزدىكى ئىككىنچى «شىنجاڭغا كىرىدىغان چوڭ يول» ھېسابلىنىدۇ. ۋۇتۇڭ داچۈەندىن مورىغىچە بولغان بۆلەك ئۈچ يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تارماق تۈرىدىن تەركىب تاپقان، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 515 كىلومېتىر، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ئۆلچىمى بويىچە ياسىلىۋاتقان بولۇپ، 2017 - يىلى ئىش باشلىنىپ، 2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە ئاساسىي لىنىيەنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش پىلانلانغان. تۈر پۈتكەندىن كېيىن دۆلەت يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تورى يەنىمۇ مۇكەممەللىشىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى شىمالىي يولىنىڭ ئاساسلىق يول بۆلىكىنى پۈتۈن لىنىيە بويىچە يۇقىرى سۈرئەتلىك قىلىش ئىشقا ئاشىدۇ.

G0711 لىنىيەسىنىڭ ئۈرۈمچى − لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىمۇ ئىش ئەسلىگە كېلىش رىتىمىغا كىردى، قۇرۇلۇشچىلار نەق مەيداندا جىددىي قۇرۇلۇش قىلىپ، جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭ چوڭ يولى قۇرۇلۇشىنىڭ «تېز ئىلگىرىلەش كۇنۇپكىسى»نى باستى.

«بۇ بىرقانچە تۈر <شىنجاڭ ئىچىنى ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇش، شىنجاڭغا كىرىش - چىقىشنى تېزلىتىش> يىرىك پىلانىدىكى ئاساسىي رامكا تۈرى بولۇپ، بۇ تۈرلەرنىڭ پۈتۈشى شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تورىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا كىرىش - چىقىش، جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئالاقىسىنىڭ راۋانلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا تېز تۈرتكە بولۇش، لىنىيە بويىدىكى رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك كادىرى جېڭ مىڭچۈەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى