تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئىلمىي، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن ساغلاملىقىغا، ئوقۇتۇشنىڭ تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئوقۇش باشلاش، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئىلمىي، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن ساغلاملىقىغا، ئوقۇتۇشنىڭ تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 19 - ئوتتۇرا مەكتەپ، 59 - باشلانغۇچ مەكتەپكە كېلىپ، ئوقۇش باشلاش، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. شۆھرەت زاكىر مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش باشلاش، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئىلمىي، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن ساغلاملىقىغا، ئوقۇتۇشنىڭ تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك 19 - ئوتتۇرا مەكتەپتە، شۆھرەت زاكىر تەشەببۇسكارلىق بىلەن بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، دېزىنفېكسىيەلەشنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، مەكتەپكە كىرىش يولى، ۋاقىتلىق كۆزىتىش ئورنى، داۋالاش ئۆيى قاتارلىقلارنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ، مەكتەپ مەسئۇلىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، مائارىپ ئوقۇتۇشى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 19 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئوقۇش باشلاش، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ رەتكە تۇرغۇزۇشتا چىڭ تۇرغانلىقىنى، ئوقۇش باشلاشتىن بۇرۇن ئائىلىسىدە ئايرىپ تۇرۇلغانلار سانى، تېببىي كۆزىتىلگەنلەر سانى قاتارلىقلارنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئۈرۈمچىدىن ئايرىلغان، ئۈرۈمچىگە قايتقان ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇچۇرىنى تەپسىلىي تىزىملاپ، تۈرگە ئايرىپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇچراشتۇرماي مەكتەپكە كىرگۈزۈش، تاماق يېيىش ۋاقتى، مەكتەپتىن قويۇپ بېرىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ ئايرىش قاتارلىقلارنى قاتتىق يولغا قويغانلىقىنى ئىگىلىدى. شۆھرەت زاكىر مۇنداق تەكىتلىدى: ئىدىيەۋى تونۇشنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ياخشى ئادا قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئوقۇش باشلاش، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمەت لايىھەسىنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىر تەرەپ قىلىش دەسلەپكى لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىش ئورنىغا قايتىش، مەكتەپكە قايتىش، مائارىپ ئوقۇتۇشى، تۇرمۇش، تاماق - ياتاق قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەكتەپلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇش كېرەك.

بۇ مەكتەپنىڭ تولۇق 1 - يىللىق 5 - سىنىپىنىڭ دەرسخانىسىغا كىرگەندە، ئوقۇغۇچىلار ماسكا تاقاپ ئەستايىدىل دەرس ئاڭلاۋاتاتتى. شۆھرەت زاكىر ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى ھەم ئۇلارنى پەيتنى قولدىن بەرمەي، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، تىرىشىپ سوتسىيالىزمنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىدىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: نورمال ئوقۇتۇش تەرتىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن بىللە، ئوقۇتۇش مەزمۇنى ئىسلاھاتى ھەم ئوقۇتۇش ئەندىزىسى ۋە ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇتۇش شەكلىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، دەرسخانا ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك 59 - باشلانغۇچ مەكتەپتە، شۆھرەت زاكىر مەكتەپنىڭ يۇقۇمنى تەكشۈرۈش، ئۆلچەش تەرتىپىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى ھەم ئاشخانا، مەيدان قاتارلىقلارغا بېرىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ھەم ئارقا سەپ كاپالىتى ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈردى. شۆھرەت زاكىر مۇنداق كۆرسەتتى: ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كىرگەندە بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، دېزىنفېكسىيە قىلىشنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، خەۋپ - خەتەر، يوشۇرۇن ئاپەتنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلىملىرى تەشۋىق - تەربىيەسىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرىنى تەڭشەپ تەقسىملەش، زاپاس ساقلاشنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، دەرسخانا، ياتاق، ئاشخانا قاتارلىق ئادەم زىچ رايون ۋە نۇقتىلىق ئورۇنلارنى دېزىنفېكسىيە قىلىش، ھاۋا ئالماشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، مەكتەپنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقى، ئوقۇتۇشنىڭ تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى