تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالتاي - كۆكتوقاي - شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولىنىڭ قۇرۇلۇش سۈرئىتىگە كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىندى

شىنجاڭدىن چىقىدىغان شىمالىي يولنىڭ مۇھىم ھالقىسى

ئالتاي - كۆكتوقاي - شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولىنىڭ قۇرۇلۇش سۈرئىتىگە كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىندى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ، ئىختىيارىي مۇخبىر مۇ جىپېڭ خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قۇرۇلۇشچىلار ئالتاي − كۆكتوقاي − شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولىنىڭ سولسۇ تونېلىغا كىرىپ يول قېنى قۇرۇلۇشى قىلدى، بۇ، ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق تۈرى بولغان ئالتاي − كۆكتوقاي − شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولىدا ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئالتاي − كۆكتوقاي − شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولى شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ شىنجاڭدىن چىقىدىغان شىمالىي يولىنىڭ مۇھىم ھالقىسى، شۇنداقلا شىنجاڭ تۆمۈريول تورى يىرىك پىلانىدىكى «ئۇزۇنىسىغا تۆت، توغرىسىغا تۆت» ئاساسىي رامكىسىدىكى «ئۇزۇنىسىغا تۆت»نىڭ بىرى. بۇ لىنىيە غەربتە شىمالىي ئالتاي لىنىيەسىنىڭ ئالتاي ۋوگزالىدىن باشلىنىپ، جەنۇبتا ئۈرۈمچى - شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولىنىڭ شەرقىي جۇڭغار ۋوگزالىغا تۇتىشىپ، كۈيتۈن - بېيتۈن تۆمۈريولى، لەنجوۋ - شىنجاڭ لىنىيەسى، ئۈرۈمچى - جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولى بىلەن بىرلىكتە شىمالىي شىنجاڭ تۆمۈريول ئايلانما لىنىيەسىنى ھاسىل قىلىپ، ئالتاي ۋىلايىتى بىلەن ئۈرۈمچى ئارىسىدىكى قولاي يول بولۇپ قالىدۇ.

ئالتاي ۋىلايىتىگە جايلاشقان سولسۇ تونېلىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 4333 مېتىر، ئۇ ئالتاي - كۆكتوقاي - شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولىدىكى ئەڭ ئۇزۇن تونېل بولۇپ، تۈرنىڭ كونترول خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى ۋە نۇقتىلىق قۇرۇلۇشى بولۇش سۈپىتىدە، 2019 - يىلى 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى پۈتتۈرۈلگەن. «ئىشچى - خىزمەتچىلەر تۇرۇشلۇق جايدا سۇ، توك، پار ھەم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى تولۇق تەسىس قىلىنىپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈش تاماملاندى، قۇرۇلۇش مۇددىتى تۈگۈنى بويىچە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشلەپچىقىرىشقا تەشكىللىنىپ، قۇرۇلۇش سۈرئىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىۋاتىمىز. ھازىر، ئومۇمىي گەۋدە بويىچە يول قېنى قۇرۇلۇشى قىلىنىۋاتىدۇ، ھەر كۈنى 75 مېتىرنى پۈتتۈرۈشنى پىلانلىدۇق، 4 - ئاينىڭ ئاخىرىدا تاماملاپ، كېيىنكى باسقۇچتىكى تونېل ئىچىگە رېلىس ياتقۇزۇشقا ئاساس سېلىشنى مۆلچەرلەۋاتىمىز» دېدى جۇڭگو تۆمۈريول 10 - ئىدارىسى ئالتاي - كۆكتوقاي - شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولى S2 بۆلىكى تۈر تىجارەت بۆلۈمى 1 - تارماق بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى مېڭ فەنلياڭ.

ئالتاي - كۆكتوقاي - شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولىدا 2016 - يىلى 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى قۇرۇلۇش باشلانغان بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 427 كىلومېتىر. كۆكتوقايدىن شەرقىي جۇڭغارغىچە بولغان بۆلىكىدە 2019 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى قاتناش باشلىنىپ، تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلدى، ئالتايدىن كۆكتوقايغىچە بولغان بۆلىكىدە بۇ يىل 8 - ئايدا قاتناش باشلاش مۆلچەرلەندى، شۇ چاغدا ئالتاي - كۆكتوقاي - شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلىنىپ، تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى