تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، چىڭىتىپ، ئوقۇش باشلاش، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئوقۇش باشلاش، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىگە قارىتا نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك قىلدى، تەكشۈردى

مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، چىڭىتىپ، ئوقۇش باشلاش، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

ئىختىيارىي مۇخبىر دەي گۇاڭخۇي خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى كادىرلار ئىستىلى نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 8 - ئوتتۇرا مەكتەپ، تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتەپكە بېرىپ، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش باشلاش، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتى ئەھۋالىغا قارىتا نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك قىلدى، تەكشۈردى، مەكتەپلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئوقۇتۇش تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى ئىگىلىدى، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ئورنىغا قايتىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەھۋالى ھەمدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى تەييارلاش، ئارقا سەپ تەمىنات كاپالىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى نەق مەيداندا تەكشۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ شىن ئوقۇش باشلاش، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىگە قارىتا نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك قىلدى، تەكشۈردى.

نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھەرقايسى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، مەكتەپلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئوقۇش باشلاش، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى كەسكىن سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئامانلىقى، ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش بىلىپ، مەكتەپلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، مائارىپ ئوقۇتۇشىنى تەشكىللەش، مەكتەپ باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ئىنچىكە، تېخىمۇ قاتتىق ياخشى ئىشلەپ، مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقى، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن ساغلاملىقى، مائارىپ ئوقۇتۇشىنىڭ نورمال، تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئوقۇش باشلاش، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، ھۆكۈمەتلەرنىڭ تەۋەلىك رايون باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى، ھەر دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرىنىڭ ئاساسلىق باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ۋە مەكتەپلەرنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، چىڭىتىپ، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى ھەقىقىي يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئوقۇش باشلاش، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىلمىي، مۇۋاپىق، بىخەتەر، تەرتىپلىك ياخشى ئىشلىشىنى كۈچلۈك ئىنتىزام كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى