تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا فىرانسىيە زۇڭتۇڭى، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى، مىسىر زۇڭتۇڭى بىلەن تېلېفونلاشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى كەچتە فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل 1 - ئايدىن بۇيان، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە، مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن ئۈچ قېتىم تېلېفونلاشتىم، بۇنىڭدىن ئوتتۇرىمىزدىكى يۈكسەك ئۆزئارا ئىشىنىش ھەمدە جۇڭگو - فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسى تولۇق نامايان بولدى. ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ھېسداشلىق قىلىش، قوللاشتەك دوستلۇق ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆزئارا داۋالاش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى ياردىمى بېرىپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەردى. مەن نۆۋەتتىكى ياۋروپا ۋە فىرانسىيەنىڭ يۇقۇم تەرەققىياتىغا يېقىندىن دىققەت قىلدىم. فىرانسىيە تەرەپ ھازىر بىر يۈرۈش پائال، ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىۋاتىدۇ، مەن فىرانسىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن ھەم قەتئىي قوللايدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق فىرانسىيە تەرەپنى چامىنىڭ يېتىشىچە مەدەت ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ سوئالغا جاۋابەن جۇڭگو تەرەپنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى، جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە خەلقئارا ۋە رايون ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىن ئىبارەت مۈشكۈل مەسئۇلىيەتنى ئورتاق زىممىسىگە ئالغان، ئىككى تەرەپ سەمىمىي ھەمكارلىشىپ، بىرلەشمە تەتقىقات تۈرلىرىنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت چېگراسى سەھىيە كارانتىن ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خىزمەتلىرىنى قوللاپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلىشىگە ئورتاق ياردەم بېرىپ، تىرىشىپ سەھىيە - ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. جۇڭگو تەرەپ فىرانسىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئالاقىدار ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق رامكىلاردا ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشنى قانات يايدۇرۇپ، يەر شارىۋى سەھىيەنى تىزگىنلەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە باشقا ئېھتىياجلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بېرىپ، يۇقۇمنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا ئېلىپ كەلگەن زەربىسىگە تاقابىل تۇرۇپ، ھەمكارلىق نۇرلىرى ئارقىلىق يۇقۇم تۇمانلىرىنى تارقىتىشنى خالايدۇ.

ماكرون نۆۋەتتىكى فىرانسىيەنىڭ دۆلەت ئىچى يۇقۇم ۋەزىيىتى ھەم قوللانغان ئالاقىدار تەدبىرلەرنى تونۇشتۇردى. ماكرون مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقى غايەت زور جاسارەت ۋە كەسكىن تەدبىرلەر ئارقىلىق، قىسقا ۋاقىتتا يۇقۇمنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىدى، مەن بۇنىڭغا يۈكسەك ئاپىرىن ئېيتىمەن. فىرانسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ تەمىنلىگەن قىممەتلىك مەدەت ۋە ياردەمگە سەمىمىي رەھمەت ئېيتىدۇ. فىرانسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىككى تەرەپلىك سەھىيە ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرىدۇ، ھەم ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكىدا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىگە ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، يۇقۇمنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا ئېلىپ كەلگەن زەربىسىگە تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ.

ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى زىچ ئالاقىنى ساقلاپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقە، ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو - فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق يۇقىرى سەۋىيەدە ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، جۇڭگو - فىرانسىيە، جۇڭگو - ياۋروپا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشقا قوشۇلدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى كەچتە ئەنگلىيە باش ۋەزىرى جونسون بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ۋە ئەنگلىيە خەلقىدىن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش مۇناسىۋىتى بىلەن سەمىمىي ھال سورىدى. شى جىنپىڭ سوئالغا جاۋابەن جۇڭگو تەرەپنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى تونۇشتۇردى، ئەنگلىيە تەرەپنىڭ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، زۆرۈر خادىملارنىڭ يۆتكىلىشى ۋە سودىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش خەۋپ - خەتىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. جۇڭگو تەرەپ ئەنگلىيە تەرەپنى مەدەت ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ. باش ۋەزىر ئەپەندىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئەنگلىيە خەلقىنىڭ چوقۇم يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى چەت ئەللەردىكى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئەنگلىيە تەرەپنىڭ ھەقىقىي ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئەنگلىيەدىكى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئەنگلىيەدىكى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلاملىقى، بىخەتەرلىكى ۋە ھەققانىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ياخشى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ۋىرۇس دۆلەت چېگراسى ئايرىمايدۇ، ئىرق ئايرىمايدۇ، پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئورتاق تىرىشقاندىلا، ئاندىن ئۇنى يەڭگىلى بولىدۇ. ھەرقايسى دۆلەتلەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە 20 دۆلەت گۇرۇھى رامكىسىدا ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۇچۇر ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشنى كۈچەيتىپ، پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاپ، يەر شارىۋى سەھىيەنى تىزگىنلەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ماكرو ئىقتىساد سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بازارنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئېشىشنى ساقلاپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، يەر شارىۋى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئوچۇق، مۇقىم، بىخەتەر بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئىشىنىمەنكى، يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ، ئورتاق تونۇشى تېخىمۇ كېڭىيىدۇ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىمۇ تېخىمۇ پارلاق ئىستىقبالنى كۈتۈۋالىدۇ.

جونسون مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقى جاپالىق تىرىشىش ۋە غايەت زور بەدەل تۆلەش ئارقىلىق، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە قالتىس مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى، مەن بۇنى تەبرىكلەيمەن. ھازىر، ئەنگلىيەنىڭ يۇقۇم ۋەزىيىتى كەسكىن، ئەنگلىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ پايدىلىق تەجرىبىلىرىنى تەتقىق قىلىپ، ئۆرنەك قىلىپ، ئىلمىي، ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللانماقتا. ئەنگلىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ قىممەتلىك مەدەت ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، ئەنگلىيەدىكى جۇڭگو پۇقرالىرى، بولۇپمۇ ئەنگلىيەدە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلاملىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى كۆڭۈل بۆلىدۇ. مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قارىشىغا تامامەن قوشۇلىمەن، يۇقۇم ئالدىدا، ھەرقانداق دۆلەت ئۆزىنىڭلا غېمىنى يېمەسلىكى، ھەرقايسى دۆلەتلەر ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئەنگلىيە تەرەپ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكىدا ئالاقىدار ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيە ئىككى دۆلەت بۇ يىل ئايرىم - ئايرىم ھالدا «جانلىقلار كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى»نىڭ 15 - قېتىملىق كېلىشىم تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنى ۋە «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى»نىڭ 26 - قېتىملىق كېلىشىم تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنىنى ئۆتكۈزىدۇ، ئىككى تەرەپ بۇنى پۇرسەت بىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سەھىيە، يۇقۇم مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، يۇقۇمدىن كېيىن جۇڭگودا بالدۇرراق زىيارەتتە بولۇپ، ئەنگلىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى كەچتە مىسىر زۇڭتۇڭى سىسى بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ مەزگىلدە، يۇقۇم پۈتۈن يەر شارىدىكى كۆپ دۆلەت، كۆپ نۇقتىدا پارتلىدى. ئەمەلىيەت يەنە بىر قېتىم شۇنى بىلدۈردىكى، ئىنسانلار مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش بولغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى. ھەرقايسى دۆلەتلەر چوقۇم ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، ئورتاق تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسى ئاساسىدا، خەلقئارا يۇقۇم مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تەھدىت ۋە خىرىسقا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇپ، يەر شارىۋى ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىنى قوغدايدۇ. يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، مىسىر تەرەپ جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن مىسىرنىڭ جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولىدىغان چوڭقۇر دوستلۇقى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى نامايان قىلدى. مىسىرمۇ ھازىر يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جىددىي ۋەزىپىسىگە دۇچ كەلمەكتە، جۇڭگو تەرەپ مىسىر تەرەپ بىلەن ۋاقتىدا يۇقۇم ئۇچۇرلىرى، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، قۇتقۇزۇش - داۋالاش تەجرىبىلىرى، داۋالاش تەتقىقاتى نەتىجىلىرىدىن تەڭ بەھرىلىنىپ، داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەپ، مىسىر تەرەپنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قوللاپ، يۇقۇمغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ. بۇ قېتىمقى قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ جۇڭگو - مىسىر ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - مىسىر مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، مىسىر تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - مىسىر مۇناسىۋىتىنى جۇڭگو - ئەرەب ئەللىرى ۋە جۇڭگو - ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىكى ئالدىن يولغا قويۇلىدىغان، ئالدىن سىناق قىلىنىدىغان ئۆرنەك قىلىشنى خالايدۇ.

سىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا پائال ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى، بۇ، رەئىس ئەپەندىنىڭ دانا رەھبەرلىكىنىڭ قۇدرەتلىك، كۈچلۈكلۈكىنى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىتتىپاق، ئۇلۇغلۇقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. مىسىر تەرەپ جۇڭگونىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا، شۇنداقلا مۇقەررەر تېخىمۇ قۇدرەت تاپىدىغانلىقىغا ئىزچىل قەتئىي ئىشىنىدۇ. مىسىر تەرەپ جۇڭگو تەرەپ تەمىنلىگەن مەدەت ۋە ياردەمگە رەھمەت ئېيتىدۇ، يۇقۇمغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش ئارقىلىق مىسىر - جۇڭگو ئىككى دۆلەت دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. مىسىر بىلەن جۇڭگو ئالاھىدە دوستانە ھەمراھلاردىن. مەن مىسىر - جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلقئارا ئىشلاردىكى ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.