تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش

ئونسۇ ناھىيەسى: ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بەردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز گو ئەيچېڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋۇ جياڭشۆ خەۋىرى): 3-ئاينىڭ 15-كۈنى، مۇخبىر ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيەسى ئارال بازىرى باغچىئېرىق كەنتىدىكى دېھقان مەمەت نىيازنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە، ئۇ ئونسۇ ناھىيەلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى بىلەن بىللە ئەگمە پارنىكىنى رەتلەۋاتاتتى.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا مەمەت نىيازنىڭ ھويلىسىغا يەنە ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلەر دۆۋىلەنگەن بولۇپ، يېڭىدىن سېلىنغان ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيىنىڭ ئالدى كونا قوتان بولۇپ، ئوتۇنلار قوتاننىڭ ئەتراپىغا دۆۋىلەپ قويۇلغانىدى، كېيىن خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ياردىمىدە  ئۇ قوتاننى چېقىۋەتتى ھەمدە ئەگمە پارنىك ياساپ چىقتى.

  بۈگۈنكى كۈندە مەمەت نىيازنىڭ ھويلىسىنىڭ سول تەرىپىدە يېپيېڭى ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى، ئوتتۇرىسىدا قاتتىقلاشتۇرۇلغان مەيدان بار، ھويلىدا ئەمدىلا قۇرۇلغان ئۈزۈم بارىڭى بار، ئوڭ تەرەپتە ئەگمە پارنىك، يىراقتىراق قوتان بار بولۇپ، 1 كالا، 5 قويى بار...

  خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجى ئەركىن مۇنىردىننىڭ مۇخبىرغا ئېيتىپ بېرىشىچە، خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى ئەمگەكچان ئىككى قولىغا تايىنىپ كىچىك ھويلا-ئاراننىڭ رولىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، ھويلا-ئاراننى روناق تېپىپ بېيىشىنىڭ «ئېچىل داستىخىنىم»ىغا ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.

  ئارال بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چۇ ۋېيتاۋ مۇنداق دېدى: «بۇ يىل، بىزنىڭ بازار ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشنى پۈتۈن بازارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش، گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم تەدبىرلەرنىڭ بىرى قىلىپ، ھويلا-ئارانغا تايىنىپ كىرىمنى ئاشۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق، پۈتۈن بازاردىكى ئاممىنى ئەنئەنىۋى ئىدىيە قارىشىنى ئۆزگەرتىشكە يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتىمىز.»

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بىزگە تونۇش ئۈرۈمچى قايتىپ كەلدى...
  • توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىش
  • خوتەندىكى كەچلىك بازارلار ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى