تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

دائىم چېنىققاندا قۇلاق تېخىمۇ سەزگۈر بولىدىكەن

ئامېرىكا غەربىي شىمال داشۆسى ئاڭلاش سېزىمى نېرۋا ئىلمى تەجرىبىخانىسىدىكى ئالاقە ئىلمى ۋە نېرۋا بىئولوگلىرىنىڭ بايقىشىچە، دائىم چېنىققاندا، چوڭ مېڭىنىڭ ئاۋازنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مېڭىنىڭ ئەتراپتىكى سەزگۈر ئەزالار مۇھىتىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىپ، ئاڭلاش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ سەزگۈر قىلىدىكەن. بۇ تەتقىقات «تەنتەربىيە ساغلاملىق ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان ئىكەن.

تەتقىقاتچىلار ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدىن 495 نەپەر قىز-ئوغۇل تەنھەرىكەتچى (زەيتۇن توپ، پۇتبول ۋە دوگۇر توپ قاتارلىق تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نى تاللىغان ھەمدە بۇنىڭدىن باشقا ياش ۋە جىنسى ئوخشاش بولغان 495 نەپەر تەنھەرىكەتچى بولمىغانلارنى سېلىشتۇرما گۇرۇپپا قىلىپ تاللىغان. سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ چوڭ مېڭە ھەرىكىتى باش تېرىسىدىكى ئېلېكتىرود ئارقىلىق نازارەت قىلىنغان ھەمدە ئۇلار تاقىۋالغان نائۇشنىكتا سۆز قىلغان ئاۋازنى قويۇپ بەرگەن. ئانالىز نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، سېلىشتۇرما گۇرۇپپىسىغا قارىغاندا، تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى تېخىمۇ سەزگۈر بولۇپ، ئېلېكتىر شاۋقۇنىنى پەسەيتىش ئارقىلىق تاشقى مۇھىتتىكى ھەقىقىي پايدىلىق ئاۋازنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشقا تېخىمۇ ماھىر بولغان، مەسىلەن، تەنھەرىكەتچىلەر مۇسابىقە ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ ھەمراھلىرى ياكى تىرېنېرلىرىنىڭ چاقىرىشىنى توغرا ئاڭلىيالىغان.

تەتقىقاتچىلار يەنە تولۇقلاپ دائىم تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار نېرۋا سىستېمىسىنى تېخىمۇ ياخشى تىنچلاندۇرالايدۇ، نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ساغلاملىقى يارىلىنىش ياكى باشقا ساغلاملىق مەسىلىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى بىر تەرەپ قىلىشقا پايدىلىق، دېگەن. بۇ بايقاشنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى ئاجىز كىشىلەرگە ھەرىكەتنى ئاساس قىلغان يېڭى داۋالاش ئۇسۇلىنى ئېچىشقا ياردىمى بولىدىكەن.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى