تىيانشان تورى خەۋىرى: يېقىندا، شىنجاڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىنسانپەرۋەرلىك روھى بويىچە، پاكىستان، كورېيە، مالايشىيا، ئىران، ئىراق، لىۋان، تۇنىس، ئالجىرىيەدىن ئىبارەت سەككىز دۆلەتكە داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان مۇداپىئە ماسكىسىدىن 380 مىڭنى ئىئانە قىلىپ، شۇ جاينىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بەردى.
ئاپتونوم رايونىمىز ئىئانە قىلىنغان ماددىي ئەشيالارنى ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ئۈچۈن، يەرلىكتىكى داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش خام ئەشيالىرىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەشكە تەشكىللەپ، ئىئانە قىلىنغان ماددىي ئەشيالارنىڭ سانى ۋە سۈپىتىگە، شۇنداقلا تېز ئىشلەپچىقىرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە جۇڭگو تاموژنىسى، جۇڭگو پوچتا ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلارنى پائال ماسلاشتۇرۇپ، ماددىي ئەشيالارنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن يېشىل يول ئاچتى ھەمدە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ماددىي ئەشيالارنى توشۇپ، ماددىي ئەشيالارنىڭ بىرىنچى ۋاقىتتا تاموژنىدىن ئۆتۈشى ۋە توشۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.
ياردەمگە ئېرىشكۈچى دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھالقىلىق مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ ماددىي ئەشيا ئىئانە قىلغانلىقى ئالاقىدار دۆلەت(شەھەر)لەرنىڭ يۈكسەك تەرىپلىشىگە ئېرىشتى. ئىراننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بىزنىڭ ئارىلىقىمىزنى تاغ-دەريالار ئايرىپ تۇرىدۇ، لېكىن بىز ئەڭ قىيىنچىلىقتا قالغاندا ئۇلار بىزنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، بىزگە ئەڭ جىددىي ئېھتىياجلىق ماسكا ئەكىلىپ بەردى، بۇ بىزنى ھەقىقەتەن تەسىرلەندۈردى!» پاكىستان كاراچى شەھىرىنىڭ ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: «جۇڭگولۇقلاردا < ھەقىقىي دوست باشقا كۈن چۈشكەندە سىنىلار> دەيدىغان گەپ بار، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ بۇ ھەرىكىتى بىزگە ئاسماندىن ئېگىز، دېڭىزدىن چوڭقۇر، شېكەردىن تاتلىق جۇڭگو-پاكىستان دوستلۇقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.» كورېيە ئوسان شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى مەخسۇس تەشەككۈر خېتى ئەۋەتىپ مۇنداق دېدى: «جۇڭگو ھازىر يەنىلا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇۋاتىدۇ، مۇشۇنداق ئەھۋالدا يەنە بىزگە ياردەم قولىنى سۇندى، جۇڭگونىڭ ئىئانە قىلغانلىقىغا ۋە قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ قول تۇتۇشۇپ تىرىشىشىدا، يۇقۇمنى چوقۇم پات يېقىندا يېڭەلەيدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن».