تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭ غۇلجا: ئۆرۈك چېچەكلىرى باھاردىن خەۋەر بەردى

  خەلق تورى خەۋىرى: شىنجاڭ غۇلجا ناھىيەسىنى كىشىلەر «ئۆرۈك يۇرتى» دەپ ئاتىشىدۇ، چۈنكى بۇ يەر ئۆزىنىڭ چۈچۈمەل تاتلىق ئاق ئۆرۈكى بىلەن داڭلىق بولۇپ، ئۆرۈك چېچەكلىرىنىڭ ھىدىنىڭ ھەر تەرەپكە تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، «ئۆرۈك يۇرتى» باشقىچە گۈزەل تۈسكە كىردى. ئۆرۈك چېچىكى ئىلىنىڭ «باھاردىن خەۋەر بەرگۈچىسى» بولۇپ، غۇلجا ناھىيەسىدىكى شياڭخې ئۆرۈكلۈك بېغىغا كىرسىڭىز، كۆز ئالدىڭىزدا ھۈپپىدە ئېچىلغان چېچەكلەرگە تولغان مېۋىلىك دەرەخلەر نامايان بولىدۇ، كىشىلەر بۇ يەردە سەيلە قىلغاچ گۈزەل مەنزىرىدىن ھۇزۇرلىنىدۇ ياكى لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، باھار قۇشلىرىنىڭ يېقىملىق سايراشلىرىغا جور بولىدۇ. (يۈەن يۈلۇڭ، فېڭ لەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بىزگە تونۇش ئۈرۈمچى قايتىپ كەلدى...
  • توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىش
  • خوتەندىكى كەچلىك بازارلار ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى