تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز جاڭ دۇڭمېي خەۋىرى): لەگلەك ئۇچۇرۇش، بۆلجۈرگەن ئۈزۈش، ئۆرۈك چېچىكى تاماشا قىلىش، لوپنۇر بېلىقىدىن ھۇزۇرلىنىش... بۇ يىل 4-ئايدىن 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى 62 تۈرلۈك مەدەنىيەت-ساياھەت پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ ساياھەتچىلىكىنى «تېز خوتقا سالىدۇ».
ھەر يىلى 4-ئايدا ھاۋا ئىللىيدۇ، ئىللىق قۇياش نۇرى پارلاپ، باھار مەنزىرىسى ئۇرغۇپ تۇرغاندا، ئاق ئۆرۈك ماكانى دەپ نام ئالغان بۈگۈر ناھىيەسىدىكى 100 مىڭ مو ئۆرۈك بەس-بەستە چېچەكلەپ، خۇش پۇرىقى ئەتراپقا تارىلىدۇ، ئۆرۈك چېچىكى ئارىسىدا ھەسەل ھەرىلىرى ئۇچۇپ، كېپىنەكلەر ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ، مەيىن شامال ئۆرۈك شاخلىرىنى سىيپاپ ئۆتىدۇ، كېچە ئاسمىنىدا يۇلتۇزلار چاقنايدۇ، بۇ جاي كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە گۈل-چېچەك دېڭىزىغا ئايلىنىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلىدۇ.
5-ئايدا، غەربكە ساياھەت مەدەنىيەت بايرىمى، چىلان چېچىكى بايرىمى، مەملىكەتلىك تېز ئات چاپتۇرۇش بەيگىسى قاتارلىق 23 تۈرلۈك پائالىيەت ئارقا-ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ.
دۈەنۋۇ بايرىمىدا، خوشۇت ناھىيەسى 14-نۆۋەتلىك دۈەنۋۇ ئەجدىھا قولۋاق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بايىنغولىن ئوبلاستى «پۈتۈن رايون تەرەققىياتى، پۈتۈن كۆرۈنۈش پەيدا قىلىش، پۈتۈن پەسىلنى ئېچىش، پۈتۈن كەسىپنى بىرلەشتۈرۈش، پۈتۈن خەلق ئورتاق بەھىرلىنىش، ھەممىنى بىر تۇتاش پىلانلاش» ئومومىي تەلىپىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايون ۋە مەملىكەتنىڭ ساياھەت تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن يۇغۇرۇلۇپ، ساياھەتچىلىك بىلەن باغلىنىشلىق كەسپلەرنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، ساياھەتچىلىكنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. (سۈرەتنى بايىنغولىن ئوبلاستلىق مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، رادىيو، تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى تەمىنلىگەن)