تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ نامىبىيە زۇڭتۇڭى گېيىنگوب بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

جۇڭگو - نامىبىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

شى جىنپىڭ نامىبىيە زۇڭتۇڭى گېيىنگوب بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3 - ئاينىڭ 22 - كۈنى نامىبىيە زۇڭتۇڭى گېيىنگوب بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن نامىبىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 30 يىلدىن بۇيان، خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىككى تەرەپ باشتىن - ئاخىر جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەن زۇڭتۇڭ گېيىنگوب بىلەن كۆپ قېتىم يۈز كۆرۈشۈپ، جۇڭگو - نامىبىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇردۇق. مەن جۇڭگو - نامىبىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ گېيىنگوب بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ۋە جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان تارىخىي پۇرسىتىنى ياخشى ئىگىلەپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - نامىبىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو - ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ھەسسە قوشۇشنى خالايمەن.

گېيىنگوب تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىتتىپاقلىق ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ كەلدى، نامىبىيە بىلەن جۇڭگونىڭ پۈتۈن ھاۋارايىلىق دوستلۇقى دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە يەر شارىۋى خىرىسنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بەردى. يېڭى تارىخىي ئاچقۇچلۇق پەيتتە، نامىبىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇپ، تىنچ، گۈللەنگەن، مۇقىم تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ. نامىبىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى جۇڭگو تەرەپنىڭ باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىش ئارقىلىق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلغانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇيدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن داۋاملىق تۈردە قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمنىڭ پۈتۈن يەر شارىدا تارقىلىشىغا تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو جەزمەن تېخىمۇ گۈللەپ ياشنايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.