تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تېلېگرامما ئەۋەتىپ، لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى تەبرىكلىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى 3 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېيىلدى:

65 يىلدىن بۇيان، لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى لائوس خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، مىللەتنىڭ ئازادلىقى ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات ئىشلىرىدا شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، باش شۇجى بېنياڭ باشچىلىقىدىكى لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، لائوس پارتىيەسى ۋە خەلقى پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات ئىشلىرىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن لائوس پارتىيەسىنىڭ 11 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالىدۇ.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو - لائوس مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. 2019 - يىلى 4 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ باش شۇجى بېنياڭ بىلەن بىرلىكتە «جۇڭگو - لائوس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش ھەرىكەت پىلانى»نى ئورتاق ئىمزالاپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - لائوس مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، يول پىلانلاپ بەردى. يېقىندا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، لائوس پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەدىكىلەر بىرىنچى ۋاقىتتا جۇڭگو تەرەپتىن ھال سورىدى ھەم ياردەم پۇلى ۋە ماددىي ئەشيا ياردىمى بىلەن تەمىنلەپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولىدىغان جۇڭگو - لائوس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى روھىنى جانلىق شەرھلىدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى بىلەن بىرلىكتە، ئىككى پارتىيەنىڭ باش شۇجىلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو - لائوس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا يېڭى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.