تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مەخسۇس تۈزەشنى مۇستەھكەملەش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا قايتا سەپەرۋەر قىلدى، قايتا ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى يىغىن ئېچىپ

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مەخسۇس تۈزەشنى مۇستەھكەملەش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا قايتا سەپەرۋەر قىلدى، قايتا ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لياڭ لىخۇا، ئىختىيارىي مۇخبىرى ۋۇ لى خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىنى مەخسۇس تۈزەشنى مۇستەھكەملەش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنى ئېچىپ، بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مەخسۇس تۈزەشنى مۇستەھكەملەش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا قايتا سەپەرۋەر قىلدى، قايتا ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ شىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىنى مەخسۇس تۈزەشنى مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دىققەتنى ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتىكى نىشان - تەلەپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئاخىرغىچە چىڭىتىش، جايىدا چىڭىتىش كېرەك؛ ئامما ئەڭ ئالدىراۋاتقان، ئەڭ غەم قىلىۋاتقان، ئەڭ ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، مالىيە ياردەم تولۇقلىما مەبلىغى «ھەممىباب كارتا»سىنى باشقۇرۇش، ئاساسىي قاتلامنىڭ «كىچىك، ئۇششاق ھوقۇق»ىنى يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق كۈندىلىك نازارەتچىلىكنى پۇختا ئىشلەش كېرەك؛ گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۇتۇپ، ئاچقۇچلۇق، ئەجەللىك يەرلەردە ئىنتىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈپ، بىۋاسىتە تەكشۈرۈپ بىۋاسىتە بېجىرىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسەتلەرنى تولۇق تەتبىقلاپ، يۇقىرى بېسىملىق چۆچۈتۈش ۋە سىياسەت ئارقىلىق تەسىرلەندۈرۈشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈم ئېففېكتىنى سىجىل قويۇپ بېرىش كېرەك؛ دېلو ئارقىلىق ئىبرەت بېرىش، دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «كېيىنكى باسقۇچتىكى ئىشلار»نى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: كەڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئىستىلنى ياخشىلاپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ھۆددىگە ئېلىش - ئالاقىلىشىش بويىچە جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، تۆت دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى شۇجىلىرىنىڭ زىيارەت قىلىش، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى كۈچنى بىرىكتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، چوڭ جەڭ، چوڭ سىناقتا لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بىزگە تونۇش ئۈرۈمچى قايتىپ كەلدى...
  • توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىش
  • خوتەندىكى كەچلىك بازارلار ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى