تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر خەلقنى بېيىتىشتىكى «ئېغىر ۋەزىپە»نى زىممىسىگە ئالدى

كەسىپلەرنى توپلاش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا ياردەم بېرىش

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر خەلقنى بېيىتىشتىكى «ئېغىر ۋەزىپە»نى زىممىسىگە ئالدى

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىكى ئۈنۈملۈك يوللارنىڭ بىرى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئاكتىپ ئىزدىنىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، تۈر ئارقىلىق كەسىپلەرگە تۈرتكە بولۇپ، كەسىپلەر ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، ئۆز جايىدىكى نامرات ئاھالىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

«ئۇۋا ياساپ سۇمۇرغ جەلپ قىلىش» ئارقىلىق كەسىپلەرنى توپلاش

3 - ئاينىڭ بېشى، قاراقاش ناھىيەسى ئاياغچىلىق كەسىپلەر باغچىسىدىكى رۇيشىن ئاياغچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ سېخىدا ماشىنىلارنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى بىلەن بولقىنىڭ ئاياغ چەمىگە ئۇرۇلغان ئاۋازى گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئىشچى روزىمەمەت مەمتىمىن ئاياغ يۈزىنى ماھىرلىق بىلەن تىكىۋاتاتتى.

بۇ يىل 32 ياشقا كىرگەن روزىمەمەتنىڭ ئۆيى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ قويچى يېزىسى چىلان كەنتىدە بولۇپ، 2019 - يىلى 6 - ئايدا رۇيشىن ئاياغچىلىق چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ ئىشلىگەندىن كېيىن كۈنلىرى بارغانسېرى مەنىلىك ئۆتتى. «تەربىيەلىنىش ئارقىلىق مەن ئاياغ يۈزىنى تىكىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋالدىم. ھازىر ئايلىق مائاشىم 2000 يۈەن ئەتراپىدا، تۇرمۇشۇم بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ» دېدى روزىمەمەت.

ئۇۋا ياساپ سۇمۇرغ جەلپ قىلىش ئارقىلىق، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلارنىڭ ماكانلىشىشىنى تېزلىتىپ، نامرات ئاھالىلەرنى ئىشىكى ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا يولغا قويغان مۇھىم تەدبىرى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ ۋىلايەت سۇ، توك، زاۋۇت بىناسى ئەسلىھەلىرى، ئەمگەك كۈچلىرىنى تەربىيەلەش ياردەم تولۇقلىمىسى قاتارلىق جەھەتلەردە كۆپ تۈرلۈك ئېتىبار سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كارخانىلارنى سەمىمىي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، كەسىپلەرنىڭ كۆلەملىشىشى، تۈجۈپىلىشىشى، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. 2017 - يىلى ئاياغچىلىق قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر كىرگۈزۈلگەندىن بۇيان، خوتەن ۋىلايىتىدە توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، ئاياغ، ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى قۇراشتۇرۇش قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، كىچىكلىكتىن زورىيىپ، يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىسىدەك جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى.

كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك، ئەڭ تېز ھەم قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان مۇھىم ئۇسۇل. بۈگۈنكى كۈندە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا خوتەن ۋىلايىتىدىكىگە ئوخشاش بۇنداق «ئۇۋا ياساپ سۇمۇرغ جەلپ قىلىش» ئارقىلىق كىرگۈزگەن ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر يەنە ناھايىتى كۆپ.

زورايتىپ، كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش

3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى قاراقاش ناھىيەسى شىنجاڭ جىنخۇارۈي خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سېخىدا ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى.

«شىركىتىمىز يىلدا ئاساسلىقى خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ، ئىلى قاتارلىق جايلارغا 1500 كىلوگىرام ئالتۇن مەھسۇلاتى ساتىدۇ.» شىنجاڭ جىنخۇارۈي خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى سەدىردىن روزىمەمەت تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر، شىركەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشى 2300 يۈەن ئەتراپىدا.

3 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، يەكەن شۇڭيىڭ توقۇمىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ زاۋۇت ئۆيىدە، كىيىم تىكىش ماشىنىسىنىڭ ئاۋازى ئۈزۈلمەي ئاڭلىنىپ تۇراتتى، خىزمەتچىلەر بۇ يىلقى تۇنجى تاشقى سودا زاكاز مەھسۇلاتىنى تىكىۋاتقان بولۇپ، سېختا ئالدىراش مەنزىرە بارلىققا كەلگەنىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەكەن ناھىيەسى ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، 30 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدىغان تۆت كەسىپلەر باغچە رايونى، 10 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغان يېزا - كەنت سېخلىرىنى قۇردى ۋە مۇكەممەللەشتۈردى، 200دىن ئارتۇق كارخانىنى يەكەنگە ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىپ، نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئۈچۈن سۇپا ھازىرلىدى.

يەكەن شۇڭيىڭ توقۇمىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى خۇڭ لۇڭجۇ مۇنداق دېدى: «بىز يەنە ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى داۋاملىق كېڭەيتىۋاتىمىز، مۆلچەرىمىزچە، 4 - ئايدا يېڭى سېخ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە يەنە 1500 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىيەلەيمىز».

يولنى كېڭەيتىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ياردەم بېرىش

3 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، ئونسۇ دۆلەتلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكا باغچە رايونىدىكى ئاقسۇ خېڭتۇڭ مېۋە شەربىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى ئالماس توختىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئايدا 4000 يۈەندىن كۆپرەك مائاش ئالىدىكەن، ھەر كۈنى سېختا ئىشلەشنى بەخت ھېس قىلىدىكەن. ئۇنىڭ ئائىلىسى ئىلگىرى نامرات ئائىلە بولۇپ، بۇلتۇر ئىشىك ئالدىدىلا ئىشلەيدىغان خىزمىتى بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېزلا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپتۇ.

2012 - يىلى، ئونسۇ ناھىيەسى سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش ئارقىلىق، ئاقسۇ خېڭتۇڭ مېۋە شەربىتى چەكلىك شىركىتىنى كىرگۈزۈپ، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىقنى كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە ئۆسۈمگە تولۇقلىما بېرىپ يۆلەش سىياسىتى بىلەن تەمىنلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىركەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى بىلەن ئېكسپورت قىلىنىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەردى. شىركەتنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا ئەگىشىپ، ئىشچى ئىشلىتىش سانىمۇ ئۈزلۈكسىز ئاشتى. ھازىر، ئىشلەپچىقىرىش سېخىدىكى خىزمەتچى 80دىن ئاشىدۇ، ھەر يىلى كۈزدىكى ئالما سېتىۋېلىش پەسلىدە ئىشچى ئىشلىتىش سانى تېخىمۇ كۆپىيىدۇ.

بارغانسېرى كۆپلىگەن كارخانىنىڭ جايلاردا مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت قۇرۇشىغا ئەگىشىپ، شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يوللىرى كۆپىيىپ، كىرىمىمۇ ئۈزلۈكسىز ئاشتى.

(مۇخبىرىمىز رايىدە، قاتناشقان مۇخبىرلار جاڭ جىلى، پەرىزات ئابدۇل، ئىختىيارىي مۇخبىرلار جۇ خۇڭجيې، جاڭ جيەنجۈن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى