تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

خەلق قەدىرلەيدىغان سادىق قوغدىغۇچى رېن چاڭشيا

رېن چاڭشيانىڭ سۈرىتى.شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جېڭجوۋ تېلېگراممىسى (مۇخبىر خەن چاۋياڭ) دېڭفېڭ شەھىرىدىكى رېن چاڭشيانىڭ ئىش ئىزلىرى كۆرگەزمە سارىيىدا ئېكسكۇرسىيەچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. كۆرگەزمە سارىيىدا سۈرەت، ئەمەلىي بۇيۇم ۋە فىلىم - سىن ماتېرىياللىرى قاتارلىقلار ئارقىلىق رېن چاڭشيانىڭ «ئومۇم ئۈچۈن ساقچى بولۇش، خەلق ئۈچۈن قانۇن ئىجرا قىلىش»تەك ھاياتى قايتا نامايان قىلىنىپ تۇراتتى.

رېن چاڭشيا 1964 - يىلى تۇغۇلغان، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ سۈيشيەن ناھىيەسىدىن. 1983 - يىلى ساقچى مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، جېڭجوۋ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جۇڭيۈەن شۆبە ئىدارىسىگە تەقسىم قىلىنىپ تەييارلىق سوراق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1992 - يىلى 12 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. ھايات ۋاقتىدا دېڭفېڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ئىدى.

ساقچى بولغان 21 يىلدا، ئۇ باشتىن - ئاخىر خەلق ئاممىسىنىڭ دەردى ۋە ئامانلىقىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، سادىقلىق بىلەن ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، بىر تەرەپنىڭ ئامانلىقىنى ساقلاپ، ئاممىنىڭ كەڭ تەرىپلىشىگە ئېرىشكەن. رېن چاڭشيا ئىلگىرى كۆپ قېتىم خىزمەت كۆرسىتىپ مۇكاپاتلانغان، 40 نەچچە قېتىم شەرەپ بىلەن مەملىكەتلىك 1 - ماي ئەمگەك مېدالى، مەملىكەتلىك ياشلار ئىش ئورنى ماھىرى، مەملىكەتلىك 8 - مارت قىزىل بايراقدارى، مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر خەلق ساقچىسى قاتارلىق تۈرلۈك شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشكەن.

قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان كەسپىي ساپاسى، كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىقى بولغاچقا، ھەرقانداق جىنايەت گۇماندارىنىڭ رېن چاڭشيانىڭ قولىدىن قېچىپ كەتمەكچى بولۇشى خام خىيال ئىدى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، رېن چاڭشيا جۇڭيۈەن شۆبە ئىدارىسىدە تەييارلىق سوراق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان مەزگىلدە، جەمئىي 1072 قېپقالغان جىنايەتنى قېزىپ، بېسىلىپ قالغان دېلونى پاش قىلىپ، 950 نەچچە جىنايەت گۇماندارىنى قوغلاپ تۇتۇپ، خېنەن جامائەت خەۋپسىزلىكىنىڭ تەييارلىق سوراق تارىخىدا تەڭداشسىز نەتىجىلەرنى ياراتقان.

2001 - يىلى 4 - ئايدا، رېن چاڭشيا دېڭفېڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقلىقىغا تەيىنلىنىپ، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى تارىختىن بۇيانقى تۇنجى ئايال جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارە باشلىقى بولۇپ قالغان. شۇ جايدا تۈرلۈك بېسىلىپ قالغان دېلولارنىڭ يىغىلىپ قېلىشى ئېغىر بولغاچقا، رېن چاڭشيا «100 كۈنلۈك دېلو پاش قىلىش ھەل قىلغۇچ جېڭى»نى تەشكىللىگەن. بولۇپمۇ دېڭفېڭ بەيشاخۇ كۆلى بويىدىكى قانۇنسىز قاماپ قويغان، قاقتى - سوقتى قىلغان، بىگۇناھلارنى ئۇرغان - ئۆلتۈرگەن، خەلقنىڭ نەپرىتى ئىنتايىن زور بولغان ۋاڭ سۇڭ قارا جەمئىيەت خاراكتېرىدىكى جىنايەت شايكىسىغا قارىتا، رېن چاڭشيا ئەتراپلىق تەكشۈرۈش، ماھىرلىق بىلەن چارە - تەدبىر قوللىنىش ئارقىلىق، كادىر - ساقچىلارنى تەشكىللەپ ۋاڭ سۇڭ ۋە ئۇنىڭ 65 شايكا ئەزاسىنىڭ ھەممىسىنى قانۇن تورىغا چۈشۈرگەن. چوڭ دېلو، مۇھىم دېلو ۋە چىگىش دېلولارنى ئارقا - ئارقىدىن پاش قىلغاچقا، شۇ جايدىكى ئامما چاۋاك چېلىپ تەنتەنە قىلىپ، ھەممەيلەن دېڭفېڭغا بىر «كارامەت ئايال ساقچى» كەپتۇ دېيىشكەن.

2004 - يىلى 4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى كەچتە، رېن چاڭشيا جېڭجوۋ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدە خىزمىتىدىن دوكلات بېرىپ بولۇپ، بىر مۇھىم، زور دېلونى پاش قىلىش خىزمىتىگە ئورۇنلاشتۇرما قىلىش ئۈچۈن كېچىلەپ دېڭفېڭغا قايتقان، يولدا بەختكە قارشى قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ ۋاپات بولغان، شۇ يىلى ئۇ ئەمدىلا 40 ياشتا ئىدى. 2004 - يىلى 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئۇنىڭغا مەملىكەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى 1 - دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى، دېگەن نام تولۇقلاپ بېرىلگەن. 2019 - يىلى 9 - ئايدا، ئۇنىڭغا يەنە شەرەپ بىلەن «ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچى» دېگەن نام بېرىلگەن.

رېن چاڭشيا دېڭفېڭ شەھىرىدىكى ليەنتيەن ئاممىۋى قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان، ھەر يىلى دېڭفېڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى خەلق ساقچىلىرىنى تەشكىللەپ تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، رېن چاڭشيانىڭ شانلىق ئىش ئىزلىرىنى ياد ئېتىپ، رېن چاڭشيا روھىنى ئەۋج ئالدۇرىدۇ.

«ئانام ۋاپات بولغىلى 16 يىل بولاي دېدى، مېنىڭ ساقچى بولغىنىمغىمۇ 11 يىل بولدى. ساقچى بولغاندىن كېيىن، مەن ساقچىلارنىڭ ئۆكۈنمەي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالىدىغانلىقىنى تېخىمۇ چۈشەندىم، مەن ئىزچىل ئانامنىڭ ئىزىنى بويلاپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، چىن قەلبىم، چىن ھېسسىياتىم، چىن مۇھەببىتىم بىلەن ئاممىنىڭ ئامانلىقىنى قوغدايمەن.» رېن چاڭشيا ۋاپات بولغاندا، ئوغلى ۋېي چېنياۋ تېخى 17 ياشقىمۇ كىرمىگەنىدى، بۈگۈنكى كۈندە 32 ياشقا كىرگەن بولۇپ، جېڭجوۋ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ بىر خەلق ساقچىسى، «مەن ئانامنىڭ ئارزۇسىغا ۋارىسلىق قىلىپ، سادىق بولۇش ئەسلىي خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاپ، خەلقنى سۆيىدىغان بىر ياخشى ساقچى بولىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى