تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭ بوغدا كۆلى جىلغىسى: باھار يېتىپ كەلدى

  خەلق تورى خەۋىرى: باھار جىلۋە قىلغان 3-ئايدا، شىنجاڭ بوغدا كۆلىنىڭ يۈزىنى قار-مۇزلار قاپلاپ، ئەتراپتا جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى. بوغدا كۆلىنىڭ شىمالىي يېنىدىكى جىلغىدا، قىش ئايلىرىدىكى قار-مۇزلار ئېرىپ، سۈزۈك جىلغا سۈيى مۇز پەردىسىنىڭ ئاستىدا شىلدىرلاپ ئېقىپ، باھارنىڭ شادلىق نوتىسىغا ئايلاندى. قارلىق تاغ شەمشادلىرى تۆت پەسىلدە ئۆزگەرمەيدىغان يېشىللىقى بىلەن مۇنداق جاكارلىدى: باھار يېتىپ  كەلدى، تاغ بىلەن سۇ، قار-مۇز بىلەن يېشىللىق ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ خىل ساپ ھاۋالىق، خاتىرجەملىك ئاتا قىلىدىغان ھەرىكەتچان گۈزەللىك كىشىگە كۆتۈرەڭگۈ كەيپىيات ئاتا قىلىدۇ!

  تىيانشان بوغدا كۆلى قەدىمدە «گۈزەل كۆل» دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئېگىز تاغ كۆلىنى مەركەز قىلغان، ئورمان، يايلاق مەنزىرىسى بىر گەۋدە قىلىنغان دۆلەت 5A دەرىجىلىك داڭلىق مەنزىرە رايونى ۋە شىنجاڭ تىيانشان دۇنيا تەبىئىي مىراسلار رايونىنىڭ يادرولۇق رايونى. (سۈن گوفۇ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ خوتەن: قۇم دېڭىزى بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلىش، قۇملۇقتىكى ئۇزۇن سەپەر
  • خوشۇت ناھىيەسى: قىزىل لازا ئېلىپ كەلگەن قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن ياخشى كۈن
  • ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئالدىراشلىقى