تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى خەلقئارا يىغىن- كۆرگەزمە مەركىزى تەۋەلىك رايونىغا ئىككى مەكتەپ سېلىنىپ، 2021-يىلى 9-ئايدا ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر رېن چۈنشياڭ خەۋىرى، فوتوسى): ئۈرۈمچى شەھىرى خەلقئارا يىغىن- كۆرگەزمە مەزكىزى تەۋەلىك رايونىدا يېڭىدىن ئىككى مەكتەپ سېلىنىدىغان بولۇپ، 2020-يىلى قۇرۇلۇشتا ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلىنىپ، يېڭىدىن كۆپەيگەن ئوقۇتۇش نۇقتىسى 3400گە يېتىپ، 2021-يىلى 9-ئايدا ئىشقا كىرىشتۈرۈش پىلانلاندى.

  3-ئاينىڭ 22-كۈنى، يىغىن- كۆرگەزمە مەركىزى ئوتتۇرا كوچىسى جەنۇبىي مەكتەپ تۈرى قۇرۇلۇش مەيدانىدا، قېزىش ماشىنىسى قۇرۇلۇش قىلماقتا.

  3-ئاينىڭ 22-كۈنى مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى شۈيموگوۋ رايونلۇق ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، شۈيموگوۋ رايونىنىڭ 2020-يىللىق 1-تۈركۈمدىكى شەھەر دەرىجىلىك نۇقتىلىق تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يىغىن- كۆرگەزمە مەركىزى ئوتتۇرا كوچىسى جەنۇبىي مەكتىپى ۋە يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزى تەۋەلىك رايونى چىداۋان شەرقىي كوچىسى مەكتىپىنىڭ ئىككى داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرىدە 3-ئاينىڭ 18-كۈنى ئىش باشلانغان بولۇپ، تۇنجى تۈركۈمدە ئىش باشلانغان داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرلىرى يەنە شۈيموگوۋ رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنى يېڭىدىن سېلىش قۇرۇلۇشى، شۈيموگوۋ رايونىنىڭ 2019- يىللىق كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش تۈرى شەھەر مەمۇرىيىتى يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى ۋە شۈيموگوۋ رايونلۇق كەسىپلەر رايونى قۇرۇلۇشى تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، بەش داۋاملاشما قۇرۇلۇش شۈيموگوۋ رايونىنىڭ 2020-يىللىق نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇش مۇقەددىمىسىنى باشلىغان.

  3-ئاينىڭ 22-كۈنى، يىغىن- كۆرگەزمە مەركىزى ئوتتۇرا كوچىسى جەنۇبىي مەكتەپ تۈرى قۇرۇلۇش مەيدانىدا، قېزىش ماشىنىسى قۇرۇلۇش قىلماقتا.

  3-ئاينىڭ 22-كۈنى، يىغىن- كۆرگەزمە مەركىزى ئوتتۇرا كوچىسى جەنۇبىي مەكتەپ تۈرى قۇرۇلۇش مەيدانىدا، ئىشىك ئالدىدا مەخسۇس ئادەم كىرىپ-چىققانلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىمەكتە.

  شۈيموگوۋ رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، رايونلۇق قۇرۇلۇش ئىدارىسى (رايونلۇق قاتناش ئىدارىسى، رايونلۇق سۇ ئىشلىرى ئىدارىسى، رايونلۇق خەلق ھاۋا مۇداپىئە ئىشخانىسى)نىڭ باشلىقى رېن جيەنمىڭنىڭ ئېيتىشىچە، يىغىن- كۆرگەزمە مەركىزى ئوتتۇرا كوچىسى جەنۇبىي مەكتىپى مۇكەممەل باشلانغۇچ مەكتەپ بولۇپ، 36 سىنىپ تەسىس قىلىنغان، مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 40 مو كېلىدىكەن، چىداۋان شەرقىي كوچىسى مەكتىپى مۇكەممەل ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇپ، 54 سىنىپ تەسىس قىلىنغان، 2020-يىلى ئىككى تۈرنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى تاماملىنىپ، 2021-يىلى 9-ئايدا ئىشلىتىلىشكە تاپشۇرۇلىدىكەن، شۇ چاغدا ئىككى مەكتەپتە يېڭىدىن 3400 ئوقۇش نۇقتىسى كۆپەيتىلىپ، ئەتراپتىكى ئائىلىلەرنىڭ يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپكە كىرىش ئاساسىي مائارىپ ئېھتىياجى قاندۇرۇلىدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2020-يىلى شۈيموگوۋ رايونلۇق ھۆكۈمەت مەبلەغ سالغان تۈرلەرنىڭ 30 تۈرلۈك داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرىدە 3-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن پۈتۈنلەي ئىش باشلىنىدىكەن. نۆۋەتتە، شۈيموگوۋ رايونى يېڭى قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە ئىش باشلاش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش ۋە ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەپ، 6-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تۈركۈمگە بۆلۈپ ئىش باشلاشقا كاپالەتلىك قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى