تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ تاتلىق سۇ كۆلى بېلىق تۇتۇشنى چەكلەش مەزگىلىگە كىردى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 3- ئاينىڭ 23- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر جاڭ شياۋلۇڭ، لى جىخاۋ): ئىللىق قۇياش نۇرى باغراش كۆلىنىڭ تىنچ كۆل يۈزىگە چېچىلدى، سۇ قۇشلىرى پات-پات كېمىلەر بىلەن تولغان بېلىقچىلىق پورتى پىرىستانى ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتەتتى. بېلىق تۇتۇشنى چەكلەش مەزگىلىنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن، بېلىقچىلار قىرغاقتا موكا بىلەن بېلىق تورىنى ياماپ، ئاق تېرەكتىن تور تارتىدىغان ياغاچ دەستىسى ياساپ، 100 نەچچە كۈنلۈك «دەم ئېلىش» مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى.

بېلىق تۇتۇش چەكلەنگەن مەزگىلدە، باغراش كۆلى بويىدىكى پىرىستاندا، بىر جۈپ بېلىقچى ئەر-خوتۇن موكا بىلەن بېلىق تورىنى يامىماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى جيېخاۋ فوتوسى

  باغراش كۆلى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي چېتىگە جايلاشقان بولۇپ، ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ كۆلى بولۇپ، لاققا بېلىق، خاپانباش بېلىق، كارپ بېلىقى قاتارلىق 32 خىل بېلىق بار. «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ‹بېلىقچىلىق قانۇنى›نى يولغا قويۇش چارىسى»غا ئاساسەن، بۇ يەردە ھەر يىلى 3- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 6- ئاينىڭ 20- كۈنىگىچە بېلىق تۇتۇش چەكلىنىدۇ.

باغراش كۆلى بويىدىكى پىرىستاندا، بىر بېلىقچى بېلىق تورىنى تازىلىماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى جيېخاۋ فوتوسى

  112 كۈنلۈك بېلىق تۇتۇشنى چەكلەش مەزگىلىدە، بېلىقچىلىق مەمۇرىيىتى قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملىرى يۈكسەك ھوشيار بولۇشى كېرەك. «قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش تەننەرخى بەك تۆۋەن، قانۇن ئېڭى بەك ئاجىز بولغانلىقتىن، قانۇنسىز بېلىق تۇتۇشنىڭ ئەۋج ئېلىشى كېلىپ چىققانىدى. 10 يىل ئىلگىرى، قانۇنسىز بېلىق تۇتۇش كۆپ يۈز بېرەتتى، بەزى قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ھەتتا زوراۋانلىق ئارقىلىق قانۇن ئىجرا قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلاتتى.» دېدى، بېلىقچىلىق مەمۇرىيىتى قانۇن ئىجرا قىلىش تارمىقىنىڭ بىر كادىرى ئەسلەپ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باغراش كۆلى جايلاشقان باغراش ناھىيەسى «نۇقتىدا تۇرۇپ چارلاش+ كۆچمە چارلاش» خىزمەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشقا باشلىدى. ھازىر، پۈتۈن باغراش كۆلى ئەتراپىغا ئالتە مۇقىم چارلاش پونكىتى تەسىس قىلىندى، ھەر بىر پونكىتتا بەش، ئالتىدىن بېلىقچىلىق مەمۇرىيىتى قانۇن ئىجرا قىلىش خادىمى بار. قانۇنسىز بېلىق تۇتۇشقا زەربە بېرىش ئۈچۈن، بۇ پونكىتلار يىل بويى دەم ئالمايدۇ، قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار 24 سائەت ئىش ئورنىدا تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە بىر چارلاش ئەترىتى باغراش كۆلىنى قوغداپ، قانۇنسىز بېلىق تۇتۇشقا زەربە بېرىش بىلەن بىرگە، ئالتە پونكىتنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىنى نازارەت قىلىدۇ.

  باغراش كۆلىنىڭ سۇ كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغاندا 1600 كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، پۈتۈن شياڭگاڭنىڭ قۇرۇقلۇق ئومۇمىي كۆلىمىدىن چوڭراق كېلىدۇ.

بېلىق تۇتۇش چەكلەنگەن مەزگىلدە، باغراش كۆلى بويىدىكى پىرىستاندا، بېلىق تۇتۇش كېمىسى قىرغاققا توختىتىپ قويۇلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى جيېخاۋ فوتوسى

  «قانۇنسىز بېلىق تۇتۇش قىلمىشى دائىم يېرىم كېچىدە يۈز بېرىدۇ، كۈن ئولتۇرۇشى بىلەنلا، بىز موتوسىكلىت ياكى ئاپتوموبىل بىلەن چارلاشنى باشلاپ، تاڭ ئاتقۇچە، بەيلۇجوۋدىن داخېكوغىچە بولغان 30 نەچچە كىلومېتىرلىق كۆل قىرغىقىنى بويلاپ بېرىپ-كېلىپ ئىككى قېتىم چارلايمىز.» بېلىقچىلىق مەمۇرىيىتى قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىمى جاڭ خېڭيۈەن مۇنداق دېدى: «ھېلىمۇ ياخشى، ئۇزۇن يىللىق قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتى ئارقىلىق، چارۋىچىلار، بېلىقچىلار ۋە كۆل بويىدا ئولتۇراقلاشقان پۇقرالارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئۇچۇر مەلۇم قىلغۇچىمىزغا ئايلاندى، كۆل بويىدا بىرەر شەپە كۆرۈلسىلا، بىزگە تېلېفون قىلىدۇ.

  بېلىقچىلىق مەمۇرىيىتى قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، يېقىنقى ئۈچ يىلدا، باغراش كۆلىدە قانۇنسىز بېلىق تۇتۇش دېلولىرى ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە قارىغاندا زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن، بىر قىسىم چارلاش پونكىتلىرىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى رايونلاردا يىل بويى قانۇنسىز بېلىق تۇتۇش دېلولىرى كۆرۈلمىگەن.

  بۇلتۇر، باغراش كۆلىنىڭ بېلىق تۇتۇش مىقدارى 4300 توننىدىن ئېشىپ، مەھسۇلات قىممىتى 56 مىليون يۈەندىن ئاشتى. 20 نەچچە يىللىق بېلىقچى لى يىڭ مۇنداق دېدى: بېلىق تۇتۇشنى چەكلەش قانچە قاتتىق بولغانسىرى، بېلىق تۇتۇش شۇنچە مۇقىم بولىدۇ، بېلىقچىلار سان قوغلىشىش ئۈچۈن زىيادە بېلىق تۇتۇشىنىڭ ھاجىتى يوق. بۇ بىر نەچچە يىلدا بېلىق تۇتۇشتىن قىلىنغان كىرىم يامان ئەمەس بولدى، شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بۇ «دەم ئېلىش»نى ئۆتكۈزۈشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى