تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى خۇاگۇاڭ كوچىسىنى شەرققە ئۇزارتىش يولىنىڭ تونېل قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى

  تونېل قۇرۇلۇشى نەق مەيدانى.

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز دۇەن شياۋلى، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز لى ۋېنخەي، دىڭ چىدې): پولات ئەگمە جازىنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەر تەييارلاندىن كېيىن، 3-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خېماچۇەن يېڭى رايونىغا جايلاشقان خۇاگۇاڭ كوچىسىنى شەرققە ئۇزارتىش(چىداۋان يولى-شىرىنگۇ يولى) گۇەنلىڭ كوچىسى تونېلىنىڭ ئوڭ-سول لىنىيەسىنى قېزىش رەسمىي باشلاندى، تونېل قۇرۇلۇشى كۈنىگە 3.6 مېتىر قېزىش تېزلىكىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

  تونېل قۇرۇلۇشى نەق مەيدانى.

  تونېل قۇرۇلۇشى نەق مەيدانى.

  ئىگىلىنىشىچە، خۇاگۇاڭ كوچىسىنى شەرققە ئۇزارتىش(چىداۋان يولى-شىرېنگۇ يولى) 2-بۆلەك قۇرۇلۇشى دائىرىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1.35 كىلومېتىر بولۇپ، قوش يۆنىلىشلىك ئالتە ئاپتوموبىل يولىدىكى ئايرىش شەكىللىك تونېل ۋە يوللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، تونېل سول لىنىيەسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 831 مېتىر، ئوڭ لىنىيەسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 846 مېتىر بولۇپ، ھازىر تونېلنىڭ %75ى قېزىلىپ بولۇنغان. يېڭىدىن ياسالغان تونېل قۇرۇلۇشى مەركىزىي شەھەر رايونى بىلەن خېماچۈەن يېڭى رايونىنىڭ قاتنىشىنى بىۋاسىتە تۇتاشتۇرىدىكەن، يۈرۈش ئارىلىقى ھازىرقى 10 كىلومېتىردىن تۆت كىلومېتىرغا قىسقىرايدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ھازىر خۇاگۇڭ كوچىسى تۈرىنىڭ تۆت بۆلىكىدە 440 ئارتۇق ئەمگەك كۈچى بار بولۇپ بولۇپ، ئىشنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئېھتىياجىنى ئاساسىي جەھەتتىن قاندۇرالايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر قايسى تۈر تارماقلىرى كېيىنكى باسقۇچلۇق قۇرۇلۇش سايمانلىرى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىش ھەم زاپاس ساقلاش كۈچىنى زورايتىپ، 7-ئايدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشىنى تاماملاشقا تىرىشىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى