بەزىلەر شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1-شىسى ئارال شەھىرىگە كېلىپ قۇملۇقنى كۆرمىسىڭىز، بۇ جايغا بىكار كەلگەن بولىسىز، دېيىشىدۇ. قۇملۇققا كىرگەندە، بىپايان ئاسمان ئاستىدا يېيىلىپ ياتقان تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ چېكى يوق، قۇملۇقنىڭ ئاجايىپ مەنزىرىسى سىزنى قۇملۇقنىڭ سىرىنى ئىزدەشكە مەجبۇر قىلىدۇ. كېلىڭ دوستۇم، قۇملۇقنىڭ ئۆزگىچە، ئاجايىپ گۈزەللىكى، سىرلىقلىقى كىشىنى تەلپۈندۈرىدىغان بولۇپ، بىز بىرلىكتە ئۆزىمىزنى ئەركىن قويۇۋېتىپ، بىپايان قۇملۇقنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلايلى.
شىنجاڭ بىڭتۇەن ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى