ئەتىيازدا يەنجى ئويمانلىقىدىكى قايدۇ دەرياسى خۇددى غايەت زور ئەجدىھاغا ئوخشايدۇ، يۇقىرى ئېقىنىدىكى دەريا ۋە سۇلۇق يەر يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى جانلىنىپ كېتىدۇ. قايدۇ دەرياسى يەنجى ئويمانلىقىنىڭ مۇھىم سۇ مەنبەسى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى قايدۇ دەرياسى رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئورمان، ئوت-چۆپ، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر ئارىلىق بەلبېغى بەرپا قىلىپ، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ سۇ سۈپىتىنى ساپلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇردى. بۈگۈنكى كۈندە قايدۇ دەرياسى قوغداش رايونىدا پەسىل قۇشلىرى ماكانلاشتى، كەنتلەر گۈزەللەشتى، دەريا يوللىرى پاكىزلاشتى، ئېكولوگىيە ياخشىلاندى. بۇ، 3-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلان سۈرەتكە تارتقان بارۇن خارمودۇن بازىرى بۆلىكىدىكى قايدۇ دەرياسى سۇلۇق يېرىنىڭ باھار مەنزىرىسى.
شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى