گۇيجوۋ مېيتەن شىڭلۇڭ بازىرىدىكى چاي دېڭىزى. (تۇ مىڭ فوتوسى)
خەلق تورى، مېيتەن، 3-ئاينىڭ 23-كۈنى تېلېگراممىسى: 3-ئايدا باھار كېلىپ گۈللەر ئېچىلىپ، بارچە مەۋجۇدات ئويغىنىدۇ. تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، گۇيجوۋ چايچىلىقىدىكى بىرىنچى ناھىيە مېيتەن ناھىيەسى ئەتىيازلىق چاي ئۈزۈش پەسلىنى كۈتۈۋالدى. ئون مىڭ مو چايلىق تاغ باغرىغا تارقالغان بولۇپ، چاي يولىغا تېرىلغان يىڭخۇا گۈلى بىلەن تاشالما گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلىپ، رەڭدار گۈللەر چاي دېڭىزىنى ئالاھىدە بېزەپ، گۈل ۋە چاينىڭ خۇش ھىدى دىماققا ئۇرۇلدى.
شاخلىرى رەتلىك قىرقىلغان چايلىقتا شۇ جايدىكى چايچى دېھقانلار ئەتىيازلىق چاي ئۈزۈپ بازارنى تەمىنلەش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، چايلىقتا ئالدىراش مەنزىرە شەكىللەندى. 2019-يىلىغىچە، مېيتەن ناھىيەسى چايلىق كۆلىمىنى 600 مىڭ موغا يەتكۈزدى. 2019-يىلى ناھىيەنىڭ چاي مەھسۇلات مىقدارى 72 مىڭ 500 توننىغا، مەھسۇلات قىممىتى 5 مىليارد 266 مىليون يۈەنگە، چايچىلىقنىڭ ئۇنىۋېرسال كىرىمى 13 مىليارد 945 مىليون يۈەنگە يەتتى.
چايچى دېھقانلار چايلىقتا چاي ئۈزمەكتە. تۇ مىڭ فوتوسى
بوشلۇقتىن تارتىلغان مېيتەن شاڭشەن يىڭخۇا گۈلى چايلىقى. تۇ مىڭ فوتوسى
ساياھەتچىلەر چايلىقنى تاماشا قىلماقتا. (تۇيا فوتوسى)
چايلىقتا ھۆپپىدە ئېچىلغان يىڭخۇا گۈللىرى. تۇ مىڭ فوتوسى
چايچى دېھقان چايلىقتا چاي ئۈزمەكتە. تۇ مىڭ فوتوسى
چايچى دېھقان چايلىقتا چاي ئۈزمەكتە. تۇ مىڭ فوتوسى
مېيتەن شاڭشەندىكى يىڭخۇا چايلىقى. تۇ مىڭ فوتوسى
گۇيجوۋ مېيتەن شىڭلۇڭ بازىرىدىكى كىچىك چاي دېڭىزى. جاۋ جىڭ فوتوسى.