تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سىجىل كۈچ سەرپ قىلىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا يۇقىرى سۈپەتلىك ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايون نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى تەۋەلىك رايونلىرى يىغىنى ئاچتى

سىجىل كۈچ سەرپ قىلىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا يۇقىرى سۈپەتلىك ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاۋ جىيۈن، ۋاڭ يۈجاۋ خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىن 20 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايون نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى تەۋەلىك رايونلىرى يىغىنى ئاچتى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئون ئېغىر نامرات ناھىيەنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىپ تاشلاش، نامراتلىق قالپىقى ئېلىپ تاشلانغان 25 ناھىيەنى مۇستەھكەملەپ يۈكسەلدۈرۈش، نامراتلارنى يۆلەش ۋەزىپىسى بار نامرات ئەمەس 44 ناھىيە(شەھەر، رايون)نى مۇستەھكەملەپ يۈكسەلدۈرۈش خىزمىتى ئايرىم - ئايرىم مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا نامراتلىق قالپىقى ئېلىپ تاشلىنىلىدىغان ئون نامرات ناھىيە، نامراتلىق قالپىقى ئېلىپ تاشلانغان 25 ناھىيە، نامراتلارنى يۆلەش ۋەزىپىسى بار نامرات ئەمەس 44 ناھىيە(شەھەر، رايون) ھەم قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى ئەھۋالى سىندا بىر - بىرلەپ ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھازىر، ھەرقايسى جايلار «قىشلىق ھۇجۇم»نىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، بۇ يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى، باشلىنىش كۈچلۈك بولۇپ، ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنىڭ خىزمەت ئاساسى سىجىل مۇستەھكەملەندى، بارلىق كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇشتەك ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىيىتى تېز كۈچەيدى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كىرىچنى داۋاملىق چىڭىتىپ، غەيرەت قىلىپ، توختاپ قالماي، بىپەرۋالىق قىلماي، بەل قويۇۋەتمەي، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئاساسلىق يولى ۋە تۈپ تەدبىرى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى قاتتىق تۇتۇپ، تېز ئۈنۈم بېرىدىغان كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈرلىرى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق يۆلەش تۈرلىرىنى يولغا قويۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، ئۈنۈمنى كەنت، ئائىلە، ئادەمگىچە يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سالمىقىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، ئەمگەك ئىقتىدارىغا ئىگە نامرات نوپۇسنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ تۆۋەن چەك ۋەزىپىسى، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، قۇرۇلۇش مۇددىتىنى تەتۈر ساناق بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، قاراڭغۇ رايون قالدۇرماسلىق، ئۆلۈك بۇلۇڭ قالدۇرماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەشنى ئىرادە جەھەتتە يۆلەش، ئەقلىي جەھەتتە يۆلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، نامرات ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، خىزمەت مەخسۇس بەنىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش كۈچلىرىنى كۈچلۈك سەپلەپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى بىلىش، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى قاتتىق ئىشقا ئاشۇرۇپ، قابىل كۈچلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا جۇغلاپ، سۈپەتلىك بايلىقلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا توپلاپ، ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. ئىستىل قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، چىشنى چىڭ چىشلەپ، بىرلا غەيرەت قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى