تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەن يۇرتۇمدىكى ئاچا - سىڭىللىرىمنىڭ ھەممىسىنى گۈزەللەشتۈرىمەن

قاراقاش ناھىيەسىدىكى تەربىيەنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچى تۇرنىسا مەتروزى:

مەن يۇرتۇمدىكى ئاچا - سىڭىللىرىمنىڭ ھەممىسىنى گۈزەللەشتۈرىمەن

مېنىڭ ئىسمىم تۇرنىسا مەتروزى، ئۆيۈم قاراقاش ناھىيەسىدە. 2013 - يىلى، مەن قاراقاش ناھىيەلىك كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن خىزمەت ئىزدىمەي، ئۆيدە بىكار ئولتۇرۇپ، ئۇزاق ئۆتمەيلا توي قىلدىم.

توي قىلغاندىن كېيىن، مەن كەنتتىكى نۇرغۇن ئادەمنىڭ مەسچىتكە بارماي، ئۆيگە يىغىلىپ ناماز ئوقۇيدىغانلىقىنى بايقىدىم. «<كاپىر>لار ياسىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمانچە ئەمەس، <كاپىر>لارغا قارىتا غازات قىلىش كېرەك»... شۇ چاغدىن باشلاپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى مېنىڭ كاللامدا يىلتىز تارتتى. مەن بارغانسېرى بېكىنىۋېلىپ، ئۆيدىن ئىنتايىن ئاز چىقىدىغان بولۇپ قالدىم، ئۆيدىن چىققاندا باشقا مىللەتتىن بولغان كىشىلەرنى ئۇچراتساملا، ئۇلارنى قوغلاپ تىللايدىغان بولدۇم.

ئۆيدىكىلەر ئەھۋالىمنى كۆرۈپ ناھايىتى ئەنسىرەپ، ماڭا كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە بېرىپ ئوقۇش توغرىسىدا نەسىھەت قىلدى. ئەمەلىيەتتە، ئەينى چاغدا كەنتتە كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەلىم - تەربىيەگە قاتناشقان بىرنەچچە تەربىيەلەنگۈچى تەربىيەنى تاماملاپ ئۆيىگە قايتىپ كەلگەنىدى، ئۇلار ئىلگىرى ماڭا ئوخشاش دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملانغانىدى، تەربىيەنى تاماملىغاندىن كېيىن ئۇلاردا ئۆزگىرىش ناھايىتى چوڭ بولۇپ، روھلۇق بولۇپ كېتىپتۇ، ئىلگىرى دۆلەت ئورتاق تىلىدا سۆزلەشنى بىلمەيتتى، ھازىر ھەممىسى سۆزلىيەلەيدىغان بوپتۇ. يۇرتداشلارنىڭ ھەممىسى ئۆگىنىشكە قاتنىشىش ناھايىتى ياخشى ئىش ئىكەن دەپ قارىدى. شۇنىڭ بىلەن، مەن تىزىملىتىپ كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە ئۆگىنىشكە قاتناشتىم.

تەربىيەنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچىلەر ئېيتقاندەك تەلىم - تەربىيە مەركىزىنىڭ شارائىتىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى، ياتاقلىرىنىڭ ھەم ئازادە، ھەم يورۇق ئىكەنلىكىنى، تاماقلىرىنىڭمۇ ناھايىتى مەززىلىك ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. ئوقۇتقۇچىلار بىزنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش ۋە تەن سالامەتلىك ئەھۋالىمىزغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلەتتى. بىز دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى، قانۇن - نىزام ۋە كەسپىي ماھارەتنى ئۆگىنەلەيدىكەنمىز. ئۆگىنىش ئارقىلىق، مەن نېمىنىڭ قانۇنلۇق، نېمىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى بىلدىم.

كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە، كۆپچىلىك ھەر كۈنى خۇشاللىق بىلەن ئۆگىنىش ۋە تۈرلۈك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدۇ. ھەر كۈنى سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرغاندىن كېيىن، يۈگۈرۈش قاتارلىق ئەتىگەنلىك چېنىقىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىمەن، ناشتىدىن كېيىن دەرس باشلىنىدۇ. چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن، ياتاققا قايتىپ ئۇخلايمەن، چۈشتىن كېيىن داۋاملىق ئۆگىنىمەن. ھەر كۈنى دەرس ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، تەربىيەلەنگۈچىلەر ئۆزى قىزىقىدىغان ئىشلارنى قىلىدۇ، مەسىلەن، ۋاسكېتبول، تىكتاك توپ، پەي توپ ۋە بىليارت ئوينايدۇ، بەزى تەربىيەلەنگۈچىلەر خەلقئارا شاھمات، قورشاۋ شاھمات ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ، يەنە بەزىلىرى ناخشا ئېيتىدۇ، ئۇسسۇل ئوينايدۇ، رەسىم سىزىدۇ، تۇرمۇشىمىز ناھايىتى رىتىملىق. مەن تىكتاك توپ ئويناشنى ياخشى كۆرىمەن، يەنە دائىم ئوغۇل ساۋاقداشلىرىم بىلەن بىللە ئوينايمەن. كۆپچىلىك ئۇ يەردىكى ھەربىر كۈننى ناھايىتى قەدىرلىدۇق.

بىرنەچچە يىل ئىلگىرى، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، كەنتتىكى تويلاردا ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناشقا بولمايتتى، ئۆلۈم - يېتىملاردا يىغلاشقا بولمايتتى. ھازىر ئويلاپ باقسام ئۇ ئىشلارغا ھەقىقەتەن كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ، مەن كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە دائىم مۇشۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلىنىپ، بارا - بارا ئۆزۈمنىڭ جاۋابىنى تاپتىم. بىز كۈنلىرىمىزنى ياخشى ئۆتكۈزۈشىمىز، دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرلارنىڭ قايمۇقتۇرۇشىغا ئۇچرىماسلىقىمىز، بولۇپمۇ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ ئېغىر بويۇنتۇرۇقىنى ئارتىۋالماسلىقىمىز كېرەك ئىكەن.

كۈندىلىك ئۆگىنىشتىن سىرت، كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى يەنە بىز ئۈچۈن تۈرلۈك ماھارەت تەربىيەسى دەرسلىكلىرىنى تەسىس قىلىپ بەردى. مەن ئەسلىدە گۈزەللىكنى سۆيەتتىم، ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، چاچ گۈزەللەشتۈرۈش كەسپىنى تاللاپ، ناھايىتى ئەستايىدىل ئۆگەندىم ھەم تېز ئۆگەندىم، بۇنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشۇمغا بولغان ياردىمى ناھايىتى چوڭ بولدى.

تەربىيەنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئۆگەنگەن ماھارىتىمگە تايىنىپ بىر ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، چاچ گۈزەللەشتۈرۈش دۇكىنى ئېچىشقا تەييارلىق قىلدىم، لېكىن ئىگىلىك تىكلەش تەجرىبەم يوق، ئىقتىسادىي شارائىتىممۇ ياخشى ئەمەس ئىدى، شۇڭا يېزىدىكى كادىرلارنى ئىزدەپ مەسلىھەتلەشتىم. كادىرلار ئويۇمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ناھايىتى خۇشال بولۇپ، قىزغىنلىق بىلەن ماڭا ئەقىل كۆرسەتتى. ناھايىتى تېزلا ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە مۇۋاپىق دۇكان تاپتىم، ئاياللار بىرلەشمىسى يەنە ماڭا ئاياللار ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردەم پۇل مەبلىغى ئىلتىماس قىلىپ بەردى. تىجارەت باشلىغان كۈنى مۇزىكا ئەترىتى تەكلىپ قىلدىم، ناغرا - سۇنايلار، داقا - دۇمباقلار چېلىندى، تەسىرى ناھايىتى چوڭ بولدى، ئەتراپتىكى كىشىلەر ماڭا ھەۋەس قىلىش ۋە قايىل بولۇش نەزەرىدە قارىدى.

مېنىڭ ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، چاچ گۈزەللەشتۈرۈش دۇكىنىمنىڭ ئىسمى «مېيلى»، قەدەم تەشرىپ قىلغان خېرىدارلارنىڭ ھەممىسى گۈزەللىشىدۇ، خۇش بولىدۇ دېگەن مەنىدە. ھازىر كۆپچىلىكنىڭ كۆز قارىشى ئۆزگەردى، خانىم - قىزلار ئۆيىدىن چىقىپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بولدى، پۇل تاپقاندىن كېيىن دۇكانغا كېلىپ چاچ گۈزەللەشتۈرىدىغانلار ناھايىتى كۆپەيدى. ئاچا - سىڭىللار دۇكىنىمدىن چىققاندا ھەممىسى ھۈنىرىڭىز ياخشى ئىكەن دەپ ماختايدۇ. ھازىر دۇكاندا چاچ گۈزەللەشتۈرۈشتىن سىرت، يەنە ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، تىرناق گۈزەللەشتۈرۈش، كەچلىك مۇراسىم كىيىمى ۋە توي كۆڭلىكى ئىجارىگە بېرىش قاتارلىق تۈرلەرنى كۆپەيتتىم.

مېنىڭ ئىككى قىزىم بار، چوڭى بەش ياش، كىچىكى تۆت ياش، ئۇلار ئىككىسى كەنت يەسلىسىدە ئوقۇيدۇ، بىر كۈندە ئۈچ ۋاخ تاماقنىڭ ھەممىسىنى يەسلىدە يەيدۇ. ئوقۇتقۇچىلار ئۇلارنىڭ ھالىدىن ناھايىتى ياخشى خەۋەر ئالىدۇ. ئائىلىدىكى ياشانغانلارنىڭ تۆۋەن كاپالەت ياردەم تولۇقلىمىسى بار، يەنە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بار. ئۆيدىكىلەر دائىم: دۆلەتنىڭ سىياسىتى بەك ياخشى، بىز جەزمەن ياخشى كۈنلەرنى قەدىرلىشىمىز كېرەك، دەيدۇ.

مەن ھازىر بىر ئايدا 6000 يۈەن تاپالايمەن، يەنە ئىككى شاگىرت قوبۇل قىلدىم. بۇنىڭدىن كېيىن دۇكاننى چوڭايتىپ، يەنە بىرقانچە ئادەم قوبۇل قىلىمەن.

مېنىڭ ئاخىرىدا دەيدىغىنىم، بەختلىك تۇرمۇشنى ئىككى قولىمىز ۋە تىرىشچانلىقىمىزغا تايىنىپ يارىتىشىمىز كېرەك، قانداقلا دېگەن بىلەن «ئاسماندىن گۆشنان چۈشمەيدۇ»!

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ جو رەتلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى