تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

گولمۇد - كورلا تۆمۈريولىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكىدە ئومۇميۈزلۈك ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ، ئىختىيارىي مۇخبىرى مۇ جىپېڭ خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 21 - كۈنى سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، چاقىلىق ناھىيەسىگە جايلاشقان گولمۇد - كورلا تۆمۈريولىنىڭ لوتوچۈەن 2 - نومۇرلۇق ئالاھىدە چوڭ كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، بىر كۆۋرۈك لىمى كۆۋرۈك گۇندىسىغا مۇقىم، توغرا قويۇلدى، بۇ، دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق تۆمۈريول قۇرۇلۇش تۈرى بولغان گولمۇد - كورلا تۆمۈريولىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكىدە ئومۇميۈزلۈك ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

«بىز ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، مۇددەتتىن بۇرۇن ئىش ئورنىغا قايتىدىغان خادىملارنى توشۇش، تۇرۇشلۇق جايىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش لايىھەسى ۋە خادىملارنىڭ ئىش ئورنىغا قايتىش تىزىملىكىنى يەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن ئۇدۇللاشتۇردۇق ھەم قۇرۇلۇشقا قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى پائال غەملىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى بىخەتەر، تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق» دېدى جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھ چەكلىك شىركىتى كورلا تۆمۈريول قۇرۇلۇشى قوماندانلىق ئىشتابى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى يۇڭ شياۋلۇڭ.

گولمۇد - كورلا تۆمۈريولى دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق تۆمۈريول قۇرۇلۇش تۈرى بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1215 كىلومېتىر(بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ بۆلىكى 708 كىلومېتىر)، تۆمۈريول چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ گولمۇدتىن باشلىنىپ، غەربكە قاراپ ۋۇتۇمېيرېن، گەنسېن، خۇاتۇگوۋ قاتارلىق ۋوگزاللاردىن ئۆتىدۇ، ئالتۇنتاغدىن ئۆتكەندىن كېيىن، يەنە شىنجاڭدىكى مىرەن، چاقىلىق، لوپنۇر قاتارلىق ۋوگزاللاردىن ئۆتۈپ كورلىغا بارىدۇ، پۈتۈن لىنىيەدە بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا قاتناش باشلاپ، تىجارەتكە كىرىشتۈرۈش پىلانلاندى. نۆۋەتتە، شىنجاڭ بۆلىكى رېلىس ياتقۇزۇش باسقۇچىغا كىردى.

«بىز تېز سۈرئەتتە يىغىلىپ، تېز سۈرئەتتە مەيدانغا كىرىپ، ھەرقايسى مەشغۇلات كۆلەملىرىدىكى قۇرۇلۇش ئىش تەرتىپىنى تېز سۈرئەتتە قانات يايدۇردۇق. بۇ يىل بىز قۇرۇلۇش لايىھەسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، ماتېرىياللارنى مەيدانغا كىرگۈزۈشنى ئىلمىي تەشكىللەپ، ئورۇنلاشتۇرۇش سىستېمىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، <ئادەم دەم ئالسىمۇ ماشىنا دەم ئالماسلىق>تەك قوش ئىسمېنىلىق مەشغۇلات ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، گولمۇد - كورلا تۆمۈريولىدا قەرەلىدە قاتناش باشلاپ، تىجارەتكە كىرىشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز» دېدى جۇڭگو تۆمۈريولى 1 - ئىدارىسى گولمۇد - كورلا تۆمۈريولى شىنجاڭ بۆلىكى تۈرىنىڭ مەسئۇلى خۇاڭ كېجۈن.

ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭغا كىرىپ - چىقىدىغان 3 - تۆمۈريول لىنىيەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، گولمۇد - كورلا تۆمۈريولى پۈتكەندىن كېيىن، چىڭخەي، شىنجاڭدىن ئىبارەت ئىككى ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ تۆمۈريول تورى قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، لىنىيە بويىدىكى رايونلارنىڭ ئىقتىساد - سودا ئالاقىسى ۋە بايلىق ئېچىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى