تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالتاي - ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، S21 ئالتاي - ئۈرۈمچى قۇملۇق يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى قۇرۇلۇش تۈرىدە ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.

شۇ كۈنى ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگىنى بۇ تۈرنىڭ 1 - قارارلىق قۇرۇلۇشى. «ھازىر خادىملار، ئۈسكۈنىلەر ئارقا - ئارقىدىن قۇرۇلۇش مەيدانىغا كىرمەكتە، ئادەم ئېقىمى، ئەشيا ئوبوروتى، مەبلەغ يۈرۈشۈشى تېز ئايلاندى» دېدى ئالتاي - ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى تۈرىنىڭ قوماندانى لو شياۋگاڭ.

S21 ئالتاي - ئۈرۈمچى تاشيولى بېيتۈن شەھىرىدىن باشلىنىپ، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى، ۋۇجياچۈ شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىن ئۆتۈپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئاخىرلىشىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 342.538 كىلومېتىر، چۆل ۋە قۇملۇقنى كېسىپ ئۆتىدىغان يول بۆلىكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 150 نەچچە كىلومېتىر. يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ئۆلچىمى بويىچە قۇرۇلۇش قىلىنىدىغان بولۇپ، 2022 - يىلى 8 - ئاينىڭ ئاخىرىدا قۇرۇلۇشنى تاماملاش پىلانلاندى. تۈر ئىككى قارارغا بۆلۈپ يولغا قويۇلىدۇ، 1 - قارارلىق قۇرۇلۇش خۇاڭخۇاگوۋ - ئۈرۈمچى بۆلىكى بولۇپ، ئاساسىي لىنىيەنىڭ ئۇزۇنلۇقى 229.188 كىلومېتىر، بۇلتۇر 12 - ئايدا قۇرۇلۇش باشلانغان؛ 2 - قارارلىق قۇرۇلۇش ئالتاي - خۇاڭخۇاگوۋ بۆلىكى.

S21 ئالتاي - ئۈرۈمچى تاشيولى ئاپتونوم رايوننىڭ «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىدىكى رامكا يول تورىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، شىمالغا قاراپ قۇربانتوڭغۇت قۇملۇقى، جۇڭغار ئويمانلىقىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، ئاساسەن تۈز لىنىيە بويىچە ماڭىدۇ، ئۈرۈمچىدىن ئالتاي شەھىرىگە بېرىش ئۈچۈن ئەمدى ئايلىنىپ ماڭمىسىمۇ بولىدۇ، يول G217 لىنىيەسىدە ماڭغانغا قارىغاندا 258 كىلومېتىر، G216 لىنىيەسىدە ماڭغانغا قارىغاندا 193 كىلومېتىر قىسقىراپ، ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن ئالتاي ۋىلايىتىنى تۇتاشتۇرىدىغان قولاي، تېز يۇقىرى سۈرئەتلىك يول بولۇپ قالىدۇ.

«تۈر پۈتكەندىن كېيىن، ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئۈرۈمچىدىن ئالتاي شەھىرىگە بېرىشقا ئەڭ تېز بولغاندا تۆت سائەت ئەتراپىدا ۋاقىت كېتىدۇ، بۇنىڭدا ئىلگىرىكىدىن ئۈچ - تۆت سائەت ۋاقىت تېجىلىدۇ» دېدى لو شياۋگاڭ.

ئۇقۇشۇمچە، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قۇملۇق تاشيولى ئايرىم - ئايرىم ھالدا بۈگۈر - نىيە تاشيولى، ئاقسۇ - خوتەن تاشيولى ھەمدە قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان لوپنۇر - چەرچەن تاشيولى ئىكەن، لېكىن ھەممىسى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ئەمەس ئىكەن.

شۇ كۈنى، S20 ۋۇگۇڭتەي - قاراماي، G30 پارچە ساغال - ئۈرۈمچى بۆلىكى، G7 ۋۇتۇڭ داچۈەن - ئاراتۈرك - بارىكۆل - مورى بۆلىكى، چاقىلىق - نىيە تاشيول تۈرىدىمۇ بىرلا ۋاقىتتا ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ قۇرۇلۇش باشلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى