تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ تۆت دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرىگە ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىسپانىيە، سېربىيەدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن

شى جىنپىڭ تۆت دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرىگە ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرونغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، يېقىندا فىرانسىيەدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن فىرانسىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شى جىنپىڭ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇش جۇڭگو - فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى ئەنئەنىسى. فىرانسىيە ھۆكۈمىتى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تاقابىل تۇرغانلىقىنى قوللىغانلىقىغا ۋە ھال سورىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكى ئىنسانلار دۇچ كەلگەن ئورتاق خىرىس. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى فىرانسىيە تەرەپنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تىرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ، فىرانسىيە تەرەپ بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىش جەريانىدا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە ئورتاق غەلىبە قىلىشنى خالايدۇ. جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە ئوخشاشلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇپ، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قوغداشتەك مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئورتاق زىممىسىگە ئالغان. جۇڭگو تەرەپ فىرانسىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يەر شارىۋى ئاممىۋى سەھىيەنى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە يادرولۇق رول ئوينىشىنى قوللاپ، ئىنسانىيەت سەھىيە - ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەن جۇڭگو - فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ماكرون بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، جۇڭگو - فىرانسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقۇمغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، داۋاملىق ئالغا تەرەققىي قىلىشىنى خالايمەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېلغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، يېقىندا گېرمانىيەدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شى جىنپىڭ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېقىندا گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ۋە ھەر ساھەدىكىلەر كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق جۇڭگونىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلىشىدىن ھال سورايدىغانلىقىنى ۋە ئۇنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جۇڭگو تەرەپ گېرمانىيە تەرەپنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى تىرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ، ئەگەر گېرمانىيە تەرەپ ئېھتىياجلىق بولسا، جۇڭگو تەرەپ كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. ئاممىۋى سەھىيە كىرىزىسى ئىنسانلار دۇچ كەلگەن ئورتاق خىرىس، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق ئەڭ كۈچلۈك قورال. جۇڭگو تەرەپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، گېرمانىيە تەرەپ بىلەن ئۇچۇر ۋە تەجرىبىلەردىن داۋاملىق ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش، ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ئېچىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت ھەمدە دۇنيادىكى باشقا ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ساغلاملىقى، بەخت - سائادىتىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، گېرمانىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو - گېرمانىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ئىسپانىيە پادىشاھى فىلىپ VIگە تېلېگرامما ئەۋەتىپ، يېقىندا ئىسپانىيەدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شى جىنپىڭ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ ئىسپانىيەنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تىرىشچانلىقى ۋە تەدبىرىنى قەتئىي قوللايدۇ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەجرىبىلىرى ۋە دىياگنوز قويۇش - داۋالاش لايىھەسىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى ھەم كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىش ۋە قوللاشنى خالايدۇ. ئىنسانلار تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، پەقەت ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلاشقاندىلا، ئاندىن بۇ ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكى خىرىسى ئۈستىدىن غالىب كەلگىلى بولىدۇ. جۇڭگو - ئىسپانىيە ئىككى دۆلەت خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ئورتاق تىرىشسىلا، چوقۇم يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. مەن جۇڭگو - ئىسپانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئارقىلىق، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقى، ئۆزئارا ئىشىنىشىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا سېربىيە زۇڭتۇڭى ۋۇچىچىغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، يېقىندا سېربىيەدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن سېربىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شى جىنپىڭ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن سېربىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ «جانجىگەر دوستلۇقى» ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەنگەن. جۇڭگو خەلقى پۈتۈن كۈچ بىلەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرغان ۋاقىتتا، سېربىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جۇڭگو تەرەپنى كۈچلۈك قوللىدى، مەن بۇنىڭغا چوڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. جۇڭگو تەرەپ سېربىيە تەرەپنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تىرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ، سېربىيەگە مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرى ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ياردىمى بېرىدۇ ھەم سېربىيە تەرەپنىڭ جۇڭگودا جىددىي ئېھتىياجلىق ماددىي ئەشيالارنى سېتىۋېلىشىغا ياردەملىشىدۇ. جۇڭگو تەرەپ يەنە داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنى سېربىيەگە ئەۋەتىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەملىشىپ، خەلقنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقى، بەخت - سائادىتىنى قوغدايدۇ. مەن جۇڭگو - سېربىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا، ئىككى دۆلەتنىڭ چىن مۇھەببەت ئېغىر كۈنلەردە بىلىنىشتەك ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئالىدىغانلىقىغا، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدىغانلىقىغا ۋە يۈكسىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.