تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تۈر قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى 231 تۈردە ئىش باشلاندى، ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى؛ خوتەن ۋىلايىتىدىكى 47 نۇقتىلىق داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرىدە ئىش ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى؛ 3 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى 293 نۇقتىلىق تۈرنىڭ ھەممىسىدە ئىش باشلىنىدۇ... ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرى تېز ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

3 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، G0711 لىنىيەسىنىڭ ئۈرۈمچى - لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى تىيانشان غالىبىيەت تونېلى قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا، چوڭ تىپتىكى ماشىنىلار گۈرۈلدەپ، ئىشچىلار جىددىي قۇرۇلۇش قىلىۋاتاتتى. بۇ تونېلنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 22 كىلومېتىر، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تونېلى بولۇپ قالىدۇ.

«2020 - يىللىق قۇرۇلۇش پىلانى بويىچە ئاساسىي تونېلنى 1760 مېتىرغىچە قېزىش تاماملىنىدۇ، ھازىر شىنجاڭنىڭ سىرتىدىكى نۇرغۇن جايدىن 395 باشقۇرغۇچى خادىم ھۆددىگە ئېلىنغان ئايروپىلان بىلەن ئىش ئورنىغا قايتىپ كەلدى، بىزنىڭ يۇقۇم دەخلى قىلغان قۇرۇلۇش مۇددىتىنى قايتۇرۇپ كېلىشكە ئىشەنچىمىز بار» دېدى جۇڭگو قاتنىشى شىنجاڭ قاتناش سېلىنما تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ليۇ خۇڭبو.

بۇ بىرقانچە كۈندە، ئاراتاش سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشىدا ئېقىن ئۆزگەرتىش تونېلىنى توسۇش مەشغۇلاتى قىلىنىۋاتىدۇ. قۇرۇلۇش خادىملىرى ئېقىن ئۆزگەرتىش تونېلىدىن سۇ بىر قەدەر كۆپ ئۆتۈپ كېتىش قىيىنچىلىقىنى يېڭىپ، سۇ ئۆتمەس كىيىم كىيىپ، ئېقىن ئۆزگەرتىش، توسۇش مەشغۇلاتىنى قىلماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىللە، توسما 3 - قارارلىق تاختىسى، ئوتتۇرا سۈڭگۈچ كەلكۈننى قويۇۋېتىش تونېلى قۇرۇلۇشى خىزمىتىمۇ ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.

نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشى ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ تۈرتكۈچىسى، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئاساسىي موتورى. بۇ يىل، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر جەمئىي 2157 داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئاپتونوم رايون ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى شۇجىلىرى مەسئۇل بولغان نۇقتىلىق تۈرلەرگە قوماندانلىق قىلىش، ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىش مۇددىتىنى تەتۈرىسىگە تىزىپ، نىشان بەلگىلەپ جەڭ قىلىپ، 3 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە ئىشنى %100 ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. تۈر قۇرۇلۇشلىرىدا پۈتۈن كۈچنى ئىشقا سېلىش، تېز ئالغا سىلجىتىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلمەكتە.

ئىشچىلارنىڭ ئىش ئورنىغا كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى «زاكازلىق ئاپتوموبىل ھۆددىگە ئېلىش، ئايروپىلان ھۆددىگە ئېلىش» قاتارلىق مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى، تۈركۈم - تۈركۈم ئىشلەمچىلەر ياكى ھۆددىگە ئېلىنغان ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، ياكى ئىشلەمچىلەر مەخسۇس پويىزىغا ئولتۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىغا يۈرۈپ كەتتى.

3 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، قۇرۇلۇش كارخانىلىرىدا ئىشلەيدىغان 968 ئىشلەمچى ئولتۇرغان مەخسۇس پويىز ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى. پويىزنى كۈتۈۋېلىشقا بارغان جۇڭگو قۇرۇلۇش گۇرۇھى شىنجاڭ قۇرۇلۇش گۇرۇھى 4 - قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر يىن خەيتاۋ مۇنداق تونۇشتۇردى: شىركەتتىكى 200دىن ئارتۇق ئىشلەمچى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى يېڭى مەكتەپ رايونى قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۆت تۈرنىڭ قۇرۇلۇش ئورنىغا بارىدۇ. كېيىن كېلىدىغان ئىشچىلار ئىش ئورنىغا كەلگەندىن كېيىن، ھەممىسى 40تىن ئارتۇق تۈرگە قاتنىشىدۇ.

«ھۆكۈمەت كۆڭۈلدىكىدەك، ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلدى، كارخانىمىز تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلدى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى قۇرۇلۇشقا تېزرەك ئاتلىنىشنى ئۈمىد قىلىدۇ» دېدى ئۈرۈمچى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزى تۈر ئەمگەك مۇلازىمىتى شىركىتىنىڭ مەسئۇلى خې شىڭگۈي.

نۆۋەتتە، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەرنى قوللىنىپ تۈرلەردە ئىش باشلاش شارائىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلەرنى تەستىقلاش ۋە خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىشنى تېزلىتىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىش باشلاش ۋاقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، 3 - ئايدىن باشلاپ ھەر ئايدا ئىش باشلىغان تۈرلەرنىڭ بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەت ئىستراتېگىيەسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرمىسى، نۇقتىلىق خىزمىتى، مۇھىم تەدبىرلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، تۆمۈريول، تاشيول، خەلق ئاۋىياتسىيەسى، سۇچىلىق، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، خەۋەرلىشىش، سەھىيە، مائارىپ، شەھەر ئاممىۋى مۇلازىمىتى قاتارلىق ساھەلەردىكى كەمتۈكلۈكلەرنى، ئاجىز تۈرلەرنى چىڭ كۆزلەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، پائال پىلانلاپ، «بىر تۈركۈمنى قۇرۇش، بىر تۈركۈمدە ئىش باشلاش، بىر تۈركۈمنى زاپاس ساقلاش»تەك ياخشى ئايلىنىشنى شەكىللەندۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ خوتەن: قۇم دېڭىزى بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلىش، قۇملۇقتىكى ئۇزۇن سەپەر
  • خوشۇت ناھىيەسى: قىزىل لازا ئېلىپ كەلگەن قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن ياخشى كۈن
  • ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئالدىراشلىقى