تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

جاۋ باۋتۇڭ: نامى ئۆچمەس «ھاۋا جېڭى كوزىرى»

جاۋ باۋتۇڭنىڭ سۈرىتى (ماتېرىيال سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نەنجىڭ تېلېگراممىسى (جاڭ يۈچىڭ، ۋۇ لىخۇا) «بىز قەھرىمان ئوتتۇرا ئەترەت، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىمىز، ئۆتكۈر شەمشەر ئاتاكىغا ئۆتكەندە، ھېچكىم بىزدىن ئۈستۈنلۈك تالىشالمايدۇ...» بۇ «ھاۋا جېڭى كوزىرى» جاۋ باۋتۇڭ تۇرۇشلۇق ئورۇن جەڭگە ئاتلانغاندا بېرىدىغان جاراڭلىق قەسەم. ھەر قېتىم جەڭگە ئاتلىنىشتىن بۇرۇن، ئۇلار جەزمەن جەڭ بايرىقىغا يۈزلىنىپ: ئەجدادلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ، جەڭدە غەلىبە قىلىش ماھارىتىنى قاتتىق مەشىق قىلىمىز دەپ قەسەم بېرىدۇ.

جاۋ باۋتۇڭ، 1928 - يىلى لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ فۇشۇن شەھىرىدە تۇغۇلغان، 1945 - يىلى 8 - ئايدا ئارمىيەگە قاتناشقان، لياۋنىڭ - شېنياڭ جېڭى ۋە فۇشۇننى، ۋۇخەندىكى ئۈچ بازارنى ئازاد قىلىش قاتارلىق جەڭ، كۈرەشلەرگە قاتناشقان. 1949 - يىلى 4 - ئاۋىياتسىيە مەكتىپىگە كىرىپ ئوقۇغان، يېڭى جۇڭگونىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۇچقۇچىسى. ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ئاران 50 نەچچە سائەت ئۇچۇپ باققان جاۋ باۋتۇڭ باتۇر، قەيسەرلىك بىلەن، تۇنجى جەڭدە غەلىبە قىلغان.

1951 - يىلى 11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، 100دىن ئارتۇق دۈشمەن ئايروپىلانى چىڭچۈەنجياڭ قاتارلىق جايلارغا ھۇجۇم قىلغان.

«دىققەت، ئالدىمىزدا دۈشمەن ئايروپىلانى بار!» جاۋ باۋتۇڭ تىڭشىغۇچتىن چوڭ ئەترەت باشلىقى موۋ دۈنكاڭنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، تەخمىنەن ئالتە كىلومېتىر يىراقلىقتا ئون نەچچە دۈشمەن ئايروپىلانى بارلىقىنىلا كۆرگەن. كۆپچىلىك قوشۇمچە ماي باكىنى تاشلىۋېتىپ، سۈرئىتىنى تېزلىتىپ يۇقىرى ئۆرلەپ، جەڭ قىلىش سېپى بويىچە دۈشمەن ئايروپىلانلىرىغا ھۇجۇم قىلغان.

دۈشمەن ئايروپىلانلىرى پىدائىي قىسىم ئايروپىلانلىرىنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ تەمتىرەپ قېلىپ، تەرەپ - تەرەپكە قاچقان. جاۋ باۋتۇڭ بەك شىددەتلىك ئېتىلغانلىقتىن، بىراقلا 20 نەچچە دۈشمەن ئايروپىلانىنىڭ ئارىسىغا كىرىپ قالغان. بىرقانچە دۈشمەن ئايروپىلانى دەرھال قورشاپ كېلىپ، ئايروپىلان بېشىنى ئۇنىڭ ئايروپىلانىغا توغرىلىغان. جاۋ باۋتۇڭ قىلچە ئىككىلەنمەي، باشقۇرۇش دەستىسىنى شىددەت بىلەن تارتىپ يانتۇ يۇقىرى تەرەپكە ئۇچقان، ئايروپىلان گەۋدىسىنىڭ يېنىدىن ئوقلار ئۈزۈلمەي ۋىژىلداپ ئۇچۇپ ئۆتكەن. ئۇ كەينىگە بۇرۇلۇپ، تۆت دۈشمەن ئايروپىلانىنىڭ سولغا بۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى، بىر بوشلۇق ئېچىلىپ قالغانلىقىنى كۆرگەن، ئۇ ئايروپىلاننى ھەيدەپ ئېتىلىپ بېرىپ، بىر دۈشمەن ئايروپىلانىنىڭ ئىزىغا چۈشۈپ قوغلىغان ھەم كەسكىنلىك بىلەن توپقا تۇتقان، دۈشمەن ئايروپىلانى دەريا قولتۇقىدىكى پاتقاقلىققا بېشىچىلاپ كىرىپ كەتكەن. كېيىنكى ھاۋا جېڭىدە، جاۋ باۋتۇڭ يەنە بىر دۈشمەن ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈپ، تۇنجى ھاۋا جېڭىدە پەخىرلەنگۈدەك جەڭ نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈرگەن.

شۇ يىلى 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، پىدائىي قىسىم ھاۋا ئارمىيەسى چوڭ ھاۋا جېڭىنى كۈتۈۋالغان. پىدائىي قىسىم ھاۋا ئارمىيەسى 3 - شىسى تۇنجى قېتىم پۈتۈن شى بويىچە جەڭگە ئاتلىنىپ، دوست ئارمىيەنىڭ تۆت ئۇچقۇچىلار تۇەنىنىڭ ئەسكىرىي كۈچىگە ماسلىشىپ، ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ دۈشمەنگە قارشى ئاتلانغان، شۇنچۇەنجياڭ دەرياسى، چىڭچۇەنجياڭ دەرياسى ئېغىزى ھاۋا بوشلۇقىغا كەلگەندە، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ 86-F «يان پىچاق» بەلگىلىك 20 سوقۇش ئايروپىلانى بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالغان، ئىككى تەرەپ ھاۋا بوشلۇقىدا كەسكىن جەڭ قىلغان. جاۋ باۋتۇڭ قىلچە قورقماي، يۇقىرى - تۆۋەن بۆسۈپ، دۈشمەننىڭ 86-F بەلگىلىك ئايروپىلانىدىن ئىككىنى ئېتىپ چۈشۈرۈپ، ھاۋا ئارمىيەسى 3 - شىسىدىكى «يان پىچاق» بەلگىلىك سوقۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەن تۇنجى كىشى بولۇپ قالغان.

جاۋ باۋتۇڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ھاۋا جېڭىدە ئامېرىكىنىڭ جەمئىي يەتتە ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈپ، ئىككى ئايروپىلانىنى زەخىملەندۈرۈپ، پىدائىي قىسىم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ شەخسىي جەڭ نەتىجىسى بويىچە ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتقان، 1 - دەرىجىلىك كۈرەش قەھرىمانى دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلگەن، ئىككى قېتىم ئالاھىدە دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن، جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسى تارىخىدىكى «ھاۋا جېڭى كوزىرى»غا ئايلانغان. ئۇ ھەيدىگەن 15 − MG بەلگىلىك سوقۇش ئايروپىلانى ھازىرغىچە جۇڭگو ئاۋىياتسىيە مۇزېيىغا تىزىپ قويۇلغان بولۇپ، ئايروپىلان گەۋدىسىدىكى توققۇز قىزىل يۇلتۇز ئالاھىدە چاقناپ تۇرىدۇ.

قەھرىماننىڭ قىسىمى قەھرىماننىڭ گىنىغا ۋارىسلىق قىلىپ كەلمەكتە. قەھرىمان قىسىمنىڭ ئىز باسارى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونى ھاۋا ئارمىيەسى ئاۋىياتسىيە قىسىمى مەلۇم لۈيى ئەمەلىي جەڭ مەشىقى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىمالدا قۇملۇققا كىرىپ، جەنۇبتا ئارال - خادا تاشلارغىچە ئۇچۇپ، شەرقتە يىراق دېڭىزغا يۈرۈش قىلىپ، غەربتە ئېگىزلىككە چىقىپ، «ھاۋادا نەيزىۋازلىق قىلىش» روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تۈرلۈك مانېۋىر ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندىدى، يۇقىرى دەرىجىلىك ماھارەت مۇسابىقىسىدە كۆپلىگەن بىرىنچىلىكلەرگە ئېرىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى