تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

مەڭگۈ ئالدىدا ئاتاكىغا ئۆتىدىغان ياخشى ساقچى بۇلۇك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كۆكخوت تېلېگراممىسى (مۇخبىر ليۇ يىدې) بىرىنچى سەپتىكى خىزمەت ئورنىدا سادىقلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئىجتىھات بىلەن ئىشلەپ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ، جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپىلەردە ھەمىشە ئالدىدا ئاتاكىغا ئۆتۈپ، كۆپ قېتىم ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي جىنايەت گۇماندارىنى تۇتقان... ئۇ خىزمەتداشلىرىنىڭ نەزەرىدىكى «جان تىكىپ ئىشلەيدىغان يىگىت»، ئۆزىگە ئوخشاش ساقچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان خوتۇنىنىڭ قەلبىدىكى نەمۇنىلىك ئۈلگە، ئۇ دەل جىنايەت گۇماندارىنى تۇتۇش جەريانىدا باتۇرلارچە قۇربان بولغان خەلق ساقچىسى بۇلۇك.

بۇلۇك 1969 - يىلى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى باۋتۇ شەھىرىنىڭ چەت - يىراق چارۋىچىلىق رايونىدىكى ئاددىي موڭغۇل ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ 1990 - يىلى ئەسلىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە قىسىمىدىن چېكىنگەندىن كېيىن، نۇرغۇن جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن، ئەڭ ئاخىرىدا كۆكخوت شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى يۈچۈەن رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى جىنايى ئىشلار ساقچى چوڭ ئەترىتى 3 - ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ يېتەكچىسى بولغان.

2007 - يىلى 5 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، يۈچۈەن رايونىدا بىر قەبىھ دېلو يۈزبېرىپ، بىر جىنايەت گۇماندارى ئۈچ ئادەمنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ، بىر ئادەمنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرغاندىن كېيىن قېچىپ كەتكەن. خەلق ساقچىلىرى زىيارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە جاڭ لەنتۇڭنى جىنايەت گۇماندارى دەپ بېكىتكەن ھەم ئۇنىڭ ئۆيىنى قورشىۋالغان. خەلق ساقچىلىرىنى كۆرگەن جاڭ لەنتۇڭ بىر خەنجەرنى ئېلىپ، بىر تەرەپتىن پۇلاڭلىتىپ، بىر تەرەپتىن جېنىنىڭ بارىچە: «كىم كىرسە شۇنىڭغا جېنىمنى تىكىپ قويدۇم!» دەپ ۋارقىرىغان.

كونتروللۇقىنى يوقاتقان جىنايەت گۇماندارى ئالدىدا، نەق مەيدان قوماندانلىق گۇرۇپپىسى ساپاسى ياخشى، ماھارىتى كۈچلۈك تۆت خەلق ساقچىسىنى تاللاپ زەربىدار گۇرۇپپا تەشكىللەشنى قارار قىلغان. «ئىدارە باشلىقى، مەن باراي!» بۇلۇك تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەلەپ قىلغان. نەق مەيداندىكى خىزمەتدىشى چېن چىڭخۇانىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، ئۇ بۇلۇكنىڭ بۇنداق قىلغىنىدىن ئازراقمۇ ھەيران قالمىغان، ئۇ بۇلۇك بىلەن بىرلىكتە ئون يىلغا يېقىن كۈرەش قىلغان، ھەر قېتىم ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا بۇلۇك ئەڭ ئالدىدا ماڭغان.

زەربىدار گۇرۇپپا قۇرۇلغاندىن كېيىن، دەرھال نەق مەيدانغا كىرگەن. جىنايەت گۇماندارىنىڭ دىققىتىنىڭ چېچىلغانلىقىدىن پايدىلىنىپ، بۇلۇك بىرىنچى بولۇپ ئېتىلىپ بېرىپ، جاڭ لەنتۇڭنىڭ خەنجەر تۇتقان قولىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن چىڭ تۇتۇۋالغان. دەل شۇ چاغدا، قان چاچراپ چىققان. ئەسلىدە، جاڭ لەنتۇڭغا ئېتىلغان دەقىقىدە، بۇلۇكنىڭ سول قولتۇقىدىكى ئارتېرىيە تومۇرىنى قارشى تەرەپ پۇلاڭلاتقان خەنجەر تېشىۋەتكەن. ئىككىنچى كۈنى، بۇلۇك قان كۆپ چىقىپ كەتكەنلىكتىن، 38 يېشىدا ھاياتىنى تەقدىم قىلغان.

«بۇلۇك خىزمەتتە باتۇر، قورقماس يولۋاسقا ئوخشايتتى!» چېڭ چىڭخۇا مۇنداق دېدى: «بۇنداق مىساللار ناھايىتى كۆپ، بىر قېتىم يۈچۈەن رايونىدا قورالغا چېتىلىدىغان دېلو يۈزبەرگەن، تۇتۇش ھەرىكىتىدە، بۇلۇك بىرىنچى بولۇپ ئېتىلىپ بېرىپ، قورال تارتىۋېلىش، بويسۇندۇرۇش ھەرىكىتىنى بىراقلا پۈتتۈرۈپ، ناھايىتى قالتىس ئىش قىلغان».

بۇلۇك ساقچى بولغان 18 يىلدا، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 1000دىن ئارتۇق جىنايى ئىشلار دېلوسىنى پاش قىلىشقا قاتنىشىپ، 300دىن ئارتۇق جىنايەت گۇماندارىنى تۇتقان. بۇلۇك قۇربان بولغاندىن كېيىن، ئىنقىلابىي قۇربان، ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى، مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى 1 - دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى دەپ تولۇقلاپ ئېتىراپ قىلىنغان.

2008 - يىلى 5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، جاڭ لەنتۇڭغا كۆكخوت شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن بىرىنچى سوتتا قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن.

«ساقچى 012642»، بۇ بۇلۇك قۇربان بولۇشتىن بۇرۇن ئىشلەتكەن ساقچى نومۇرى ئىزنىكى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ ساقچى نومۇرى ئىزنىكىنى ئۇنىڭ خوتۇنى سو ليەنخۇڭ تاقىدى. ئۇ كۆكخوت شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى يۈچۈەن رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى شياۋجاۋ ئالدى كوچىسى ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىسى، بۇلۇك قۇربان بولغاندىن كېيىن، ئۇ ھەر ۋاقىت ئېرىنىڭ سۆز - ھەرىكىتىنى ھەرىكەت مىزانى قىلىپ، خىزمەت قانچە جاپالىق، قانچە قىيىن بولسىمۇ ئالدىدا مېڭىپ كېلىۋاتىدۇ.

«بۇ ساقچى نومۇرى ئىزنىكىنى مەن مەخسۇس تەشكىلگە ئىلتىماس سۇنۇپ ئالغان. ئۇنى تاقىسام، مەندە بىر خىل كۈچ پەيدا بولىدۇ» دېدى سو ليەنخۇڭ قەتئىيلىك بىلەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى