تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، بېسىمنى يەتكۈزۈپ، جەڭگىۋارلىقنى ئۇرغۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

سۈن جىنلۇڭ قاغىلىق ناھىيەسىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇردى

مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، بېسىمنى يەتكۈزۈپ، جەڭگىۋارلىقنى ئۇرغۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

قەشقەر مۇخبىرلار پونكىتىدىن پەن يەنيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىن 12 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، جېڭۋېي سۈن جىنلۇڭ قاغىلىق ناھىيەسىگە بېرىپ نەق مەيداندا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، خىزمەتنى چىڭ، پۇختا تۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، بېسىمنى يەتكۈزۈپ، جەڭگىۋارلىقنى ئۇرغۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

سۈن جىنلۇڭ قاغىلىق ناھىيەسىدىكى يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش، چارۋا، ئۆي قۇشلىرىنى پىششىقلاش، ياڭاق سودىسى، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى قاتارلىق ئورۇنلارغا بېرىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئېتىز - ئېرىق باشلىرى، مايسا يېتىشتۈرۈش بازىسى، باقمىچىلىق كىچىك رايونى ھەم سودا بازىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، تېرىلغۇ تەييارلىقى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ھاۋالىلىك باشقۇرۇش، چارۋا، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقى ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇش ھەم يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ئوبوروتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى ھەم جۇڭتەي ئولتۇراق رايونى، ئاقتاش نامراتلارنى يۆلەش بويىچە مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇش رايونى، ئۇششاقباش بازىرى ياربېشى كەنتى قاتارلىق جايلاردىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلمىغان ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلدى، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى ۋە نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەملىشىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش بويىچە كىرىمنى ھېسابلاپ، كەنت ئاھالىلىرىنى كۆپ مەنبەلىك ئىشلەپچىقىرىشنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كۆپ خىل يول ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە يۇقىرى سۈپەتلىك غەلىبە قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.

ئۇششاقباش بازىرى ياربېشى كەنتىدە، سۈن جىنلۇڭ كەنت «ئىككى كومىتېت» بەنزىسىدىكىلەر، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىپ، بۇ كەنتنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، نامرات ئائىلىلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئائىلىلەرنىڭ كىرىم ئۇچۇرلىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنى ئىنچىكە سۈرۈشتۈردى. ياربېشى كەنتىنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ، ئېگىزلىك ئۆرۈكى، بەسەي، ياڭيۇ تېرىش قاتارلىق كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تايىنىپ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرغانلىقىنى بىلگەندە، سۈن جىنلۇڭ كەنت كادىرلىرىنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، ئۇنى سۈپەتلىك ماركىلىق كەسىپكە ئايلاندۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

سۈن جىنلۇڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش باسقۇچىدا قىلچە بوشاڭلىق قىلىشقا بولمايدۇ، مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، پۇختا ئىشلەپ، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەنت، ئائىلە، ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تېخىمۇ دەل جايىدا، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىشلەش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلمىغان نوپۇس ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى مۇقىم بولمىغان نوپۇس، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىدىن باشقا نامراتلىق گىرۋىكىدىكى نوپۇسنى ھەرىكەت ھالىتىدە تاللاپ تەكشۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەنت «ئىككى كومىتېت»، 1 - شۇجىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، چىڭىتىپ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقى ۋە مەسىلىلىرىنى ئائىلىمۇئائىلە، ئادەممۇئادەم ھەل قىلىش كېرەك. تۈرلۈك ئاماللار بىلەن كۆپ خىل ئۇسۇل قوللىنىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشى، ئاممىنىڭ تەشكىللىك سىرتقا چىقىپ ئىشلىشى، كەنت مۇھىتىنى تۈزەش قاتارلىق ھازىرقى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى تەشكىللەش، ياخشى تۇتۇش كېرەك. باشلامچى كارخانىلار، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۈپەتلىك ماركىسى ۋە ئاساسلىق مەھسۇلاتلارنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈپ، «باشلامچى كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى»نى ئۈنۈملۈك تەشكىللەش ئۇسۇلىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەنپەئەتنى باغلاشنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ مۇقىم مەنپەئەتكە ئېرىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ يۇڭمىڭ بىللە جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بىزگە تونۇش ئۈرۈمچى قايتىپ كەلدى...
  • توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىش
  • خوتەندىكى كەچلىك بازارلار ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى