تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇردى

دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلىش جەم بولۇش تامىقى يېيىش يۈرەك سۆزلىرىنى قىلىش

ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇردى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ: «تۇغقىنىمىز كېلىپ بەك ياخشى بولدى، ئەسلىدىكى بىر كۈنلۈك ئىشنى، يېرىم كۈندىلا قىلىپ بولدۇق، ھېرىپمۇ كەتمىدۇق!» دېدى 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئالغا بازىرى يار بېشى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئىرپان يۈسۈپ خۇشال ھالدا.

بارلىق مەۋجۇدات جانلىنىپ، زېمىن ئىللىشقا باشلىدى، ھازىر دەل ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى، ئۇدا نەچچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇردى، ھەر مىللەت كادىرلار تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ئېتىز - ئېرىق باشلىرىغا، دېھقانلارنىڭ ھويلا - ئارانلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى بىلەن بىللە ئەتىيازلىق تېرىلغۇنى باشلاپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ مۇھىتىنى تۈزەش قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرۇپ، بىر قولدا يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىشنى تۇتۇپ، بىر قولدا ئىشلەپچىقىرىشنى تۇتۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى رىشتى توغرىسىدا ئورتاق پاراڭلىشىپ، تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلەش كۈيىنى ئورتاق ياڭراتتى.

ئۇدا نەچچە كۈندىن بۇيانقى ئوچۇق ھاۋا يار بېشى كەنتىدە ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇتتى. قارا مور ئۆستۈرۈش چوڭ پارنىكىدا، كەنت ئاھالىلىرى ماسكا تاقاپ چوڭ پارنىكنى دېزىنفېكسىيە قىلىش، زەمبۇرۇغ قەۋىتىگە سۇ پۈركۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، قارا مور زەمبۇرۇغىنى پارنىكقا تېرىشقا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى، پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسىدىكى 45 كادىر، ئىشچى - خىزمەتچى يار بېشى كەنتىگە كېلىپ، قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى بىلەن خۇشال جەم بولۇپ، قايتا ئۇچراشقانلىقى توغرىسىدا پاراڭلىشىپ، تۇغقانلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، تۇغقانلىرىغا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىپ، بۇ يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش پىلانىنى بىرلىكتە پىلانلىدى. «ھازىر يەنىلا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى، كۆپچىلىك چوقۇم مۇداپىئەلىنىشكە دىققەت قىلىشى، ماسكا تاقىشى، قولنى يۇيۇپ تۇرۇشى، توپلىشىۋالماسلىقى، يىغىلىۋالماسلىقى، يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ كادىرى گۇڭ جيەن تۇغقىنى ئىرپانغا تاپىلاپ. «خاتىرجەم بولۇڭ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ باشلاندى، بىز ئۆزىمىزنىڭ ئېتىزلىقىدا دېھقانچىلىق ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇۋاتىمىز. سىلەرنىڭ كەلگىنىڭلار بەك ياخشى بولدى، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىنى قانات يايدۇرۇشقا ياردەم بەردىڭلار، بىزنىڭ كۆڭلىمىز ئىنتايىن خاتىرجەم بولدى. بۇلتۇر ئائىلىمىز قارا مور تېرىپ 8000 يۈەن تاپتۇق، بۇ يىل پايدىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن!» دېدى ئىرپان ئىشەنچكە تولغان ھالدا.

ئاساسىي قاتلامدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئامانلىقى، ھال - ئەھۋالى، ئويلىغىنى، ئارزۇ قىلىدىغىنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ئىزچىل ئەڭ غەم يەيدىغان ئىش بولۇپ كەلدى. كەلپىن ناھىيەسىنىڭ يۇرچى يېزىسى ئارا ئايماق كەنتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ كادىرلىرى نامرات ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشى ئۈچۈن چارە - تەدبىر كۆرسەتتى؛ گۇما ناھىيەسىنىڭ قوشتاغ بازىرى ۋە كۆكتېرەك يېزىسىدىكى ئېتىز - ئېرىق باشلىرىدا، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ كادىرلىرى تۇغقانلىرىغا ماسكا، ئىسپىرت، دورا قاتارلىق يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش بۇيۇملىرىنى سوۋغا قىلدى ھەم ساغلاملىق بىلىملىرى ئۈندىدار دەرسخانىسى، پاراڭلىشىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق تۇغقانلىرىنىڭ ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئىگىلەپ، مۇداپىئە مۇھىم نۇقتىلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىدىغان، كۆپ ھاۋا ئالماشتۇرىدىغان، پاكىزلىقنى ساقلايدىغان ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، تەن ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، تېرىلغۇ تەييارلىقىنى ئىلمىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى؛ تارباغاتاي ۋىلايەتلىك بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كادىرلىرى يۇقۇمدىن مۇداپئەلىنىش مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، شىخو شەھىرىنىڭ گەنخېزى بازىرى خاۋ جاجاڭزا كەنتىدە چوڭ كاناي، ئۈندىدار توپى قاتارلىقلار ئارقىلىق سەھىيە، يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ئاممىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى... ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلاردىكى كەڭ كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىق بىلىپ، تۇغقانلىرىنىڭ غەم - ئەندىشە، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، تۇغقاندارچىلىق مېھرى توغرىسىدا ئورتاق پاراڭلىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش توغرىسىدا ئورتاق مەسلىھەتلەشتى. كۆپچىلىك بىرلىكتە دېھقانلار ئائىلىسىنىڭ ئىشىنى قىلىپ، جەم بولۇش تامىقى يەپ، يۈرەك سۆزلىرىنى قىلدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا باھارنىڭ ئىللىق ئېقىمى ۋە ئىللىقلىقى ئۇرغۇدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى