تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

2222 نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنى يولغا قويۇپ، 5 مىليارد 870 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلاندى

ئاپتونوم رايونىمىز نامراتلارنى يۆلەش ۋەزىپىسى بار 44 نامرات ئەمەس ناھىيە (شەھەر، رايون)گە قارىتا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سېلىنمىسىنى ئاشۇرىدۇ

2222 نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنى يولغا قويۇپ، 5 مىليارد 870 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلاندى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ۋاڭ يۈجاۋ، جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز نامراتلارنى يۆلەش ۋەزىپىسى بار 44 نامرات ئەمەس ناھىيە (شەھەر، رايون)گە قارىتا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سېلىنمىسىنى ئاشۇرىدۇ.

ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنىڭ بىر قىسمىنى ئاجرىتىپ، نامراتلارنى يۆلەش ۋەزىپىسى بار نامرات ئەمەس ناھىيەلەرنىڭ نامراتلارنى يۆلەش تۈر قۇرۇلۇشىنى مەخسۇس قوللايدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە، نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق تارماقلار بۇ يىل نامراتلارنى يۆلەش ۋەزىپىسى بار 44 نامرات ئەمەس ناھىيە پىلانلاپ يولغا قويىدىغان 5 مىليارد 870 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان 2222 نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنى تەكشۈرگەن. نۆۋەتتە 2 مىليارد 700 مىليون يۈەن مەبلەغ ئەمەلىيلەشكەن، قالغان قىسمى يەرلىك زايوم مەبلىغى، مالىيە مەخسۇس نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى يولى ئارقىلىق بىرتۇتاش پىلانلىنىپ ھەل قىلىنىدۇ.

ئۇقۇشىمىزچە، بۇ يىل نامراتلارنى يۆلەش ۋەزىپىسى بار نامرات ئەمەس ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئاساسلىق ۋەزىپىسى تېخىمۇ دەل، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈش ئىكەن. نامرات نوپۇسنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى چۆرىدەپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، مۇددىتى قىسقا، سېلىنمىسى ئاز، ئۈنۈمى تېز كەسىپلەر تەرەققىيات تۈرلىرى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە يۆلەش تۈرلىرىنى يولغا قويۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، بالدۇر ئىش باشلاش، بالدۇر پۈتكۈزۈش، بالدۇر ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، ئەمگەك ئىقتىدارى بار نامرات نوپۇسنى تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەممە ئادەمنىڭ قىلىدىغان ئىشى بولۇش، كۈندە كىرىمى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەبلەغ تۈرگە ئەگىشىپ مېڭىش، تۈر پىلانغا ئەگىشىپ مېڭىش، پىلان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئېھتىياجىغا ئەگىشىپ مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلەرنى ئىلمىي پىلانلاپ، تاللاپ، تۈرنىڭ ئىلگىرىلەش مۇساپىسىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش، يەر، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، 3 - ئايدا ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلاش، ئالدىنقى يېرىم يىلدا تولۇق تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدىكەن. تۈر ئارقىلىق نامراتلارنى يېتەكلەش، نامراتلارغا نەپ يەتكۈزۈش مېخانىزمى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، نەتىجە - ئۈنۈم نىشانى دەل جايىدا لايىھەلىنىپ، تۈر ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈلۈپ، نامرات ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدىكەن.

كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئۇل قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش جەھەتتە، بۇ يىل ھەرقايسى جايلار «ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» تەلىپىگە ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇپ، بولۇپمۇ دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئۆلچەم يۇقىرى بولماسلىق مەسىلىسىگە قارىتا، چۈشۈپ قالغاننى تەكشۈرۈپ، كەملىرىنى تولۇقلاپ، مۇستەھكەملەپ، ئۆستۈرۈپ، نېمە كەم بولسا شۇنى تولۇقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، نامرات كەنتلەرنىڭ سۇ، توك، يول، خەۋەرلىشىش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلىرى ئاجىز بولۇش، يېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش سۈپىتى يۇقىرى بولماسلىق، يېزىلاردىكى بىخەتەر ئىچىدىغان سۇ مۇقىم بولماسلىق، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى نىسبەتەن ناچار بولۇش ۋە ياشانغان، ئاجىز، ئاغرىق، مېيىپ، يېتىم - يېسىر قاتارلىق ئالاھىدە نامرات كىشىلەر توپىنىڭ تۇرمۇش كاپالىتى دېگەندەك جايىدا بولماسلىق قاتارلىق ئاجىز مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ ھەل قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ سۈپىتى ۋە ساپاسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك.

ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش جەھەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز مۇنۇلارنى ئايدىڭلاشتۇردى: ھەرقايسى جايلار مۇقىم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش كەسىپلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكا مۇلازىمىتى، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، تەلىم - تەربىيە قاتارلىقلارنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، نامراتلارنى يۆلەش مەھسۇلاتلىرىدا ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بارلىق نامراتلارنى يۆلەش كەسىپلىرىنى قوللاش سىياسىتىنى ئۆزگەرتمەي ساقلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش گەرچە تاماملىنىدىغان بولسىمۇ، لېكىن نامراتلارنى يۆلەش كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سىياسىتىنى ئاخىرلاشتۇرماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك، قوللاش سالمىقىنى كۈچەيتىشكە بولىدۇكى، ئاجىزلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى