تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش

بىڭتۇەندىكى نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 3 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر پەن يىڭ) مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېقىندا ئاچقان نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بىڭتۇەن بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا نامرات تۇەن - چاڭلارنىڭ ھەممىسىنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىپ تاشلاش، نامرات ليەندۈيلەرنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈش، نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان.

مۇخبىرنىڭ بىڭتۇەن نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ، 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا نامرات تۇەن - چاڭلارنىڭ ھەممىسىنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىپ تاشلاش، نامرات ليەندۈيلەرنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈش، نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان. كېيىنكى قەدەمدە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش بويىچە جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ زور ئىرادە، تېخىمۇ كۈچلۈك سالماق بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىنى قەتئىي يېڭىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىڭتۇەن 161 مىڭ نامرات نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، 77 نامرات تۇەن - چاڭنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىپ تاشلاپ، نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتىنى %9.1تىن نۆلگە چۈشۈردى. بۇنىڭ ئىچىدە، 2019 - يىلى، بىڭتۇەن ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 6018 نامرات نوپۇسنى ئازايتىپ، 35 نامرات ليەندۈينى نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈپ، تۆت نامرات تۇەن - چاڭنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىپ تاشلىۋەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بىزگە تونۇش ئۈرۈمچى قايتىپ كەلدى...
  • توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىش
  • خوتەندىكى كەچلىك بازارلار ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى