تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ نورمال ئىزدا تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە ئايلىنىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى يىغىنىنى ئاچتى

ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ نورمال ئىزدا تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە ئايلىنىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ ئالاقىدار خىزمەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپىى بويىچە پەيتنى قولدىن بەرمەي، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ نورمال ئىزدا تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە ئايلىنىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاش، قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، پۈتۈن ئاپتونوم رايون جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى يۇقىرى سەۋىيەدە ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدا ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، «توسۇق نۇقتا»نى راۋانلاشتۇرۇپ، «ئۈزۈك نۇقتا»نى تولۇقلاپ، كارخانىلارنىڭ تېزلىكتە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تولۇق ئىشقا سېلىشى، ئىشلەپچىقىرىشتىن مول ھوسۇل ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ تۈر قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشقا كۆپ خىل يول ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش ۋە ئۇنى كېڭەيتىش، تەرەققىيات زاپاس كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ ئۈنۈملۈك ئىستېمال ئېھتىياجىنى كېڭەيتىپ، 3 - كەسىپنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش كېرەك؛ مەكتەپلەردە يۇقۇمنى ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىش - ئۆلچەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئامانلىقى ۋە ساغلاملىقىنى قەتئىي قوغداش كېرەك؛ قاتناش - تىرانسپورتنىڭ تەشكىلىي كاپالىتىنى ياخشى قىلىپ، ئادەم ئېقىمى، ئەشيا ئوبوروتىنى تەرتىپلىك ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش، راۋانلاشتۇرۇش كېرەك؛ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىنى ياخشى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاشقا ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش تاماملىنىدىغان يىل بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، بىرلا غەيرەتكە كېلىپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، كۈچنى توپلاپ ئېغىر نامراتلىقنى يوقىتىش جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك. ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، گەۋدىلىك مەسىلە ۋە ئاجىز ھالقىلارنى توغرا نىشانلاپ سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇپ، مەسىلىنى تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇپ، جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق خىزمەتلەرگە كۈچلۈك تۈرتكە بولۇش، ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش، مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئەڭ ئاخىرقى قاتتىق قىيىنچىلىقنى قەتئىي يېڭىش كېرەك. نىشان - ئۆلچەمنى چىڭ كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كەشتە تىكىش ماھارىتىنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلمىغان نوپۇسنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دىققەتنى «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»كە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھالدا يوچۇقلارنى تەكشۈرۈپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، قېپقالغان نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسىنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، نامرات ئائىلە پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشسىز قېلىشى، ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىش، قايتا نامراتلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. قايتا نامراتلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىش، سىگنال بېرىش ۋە ھەرىكەت ھالىتىدە ياردەم بېرىش - يۆلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سىياسىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، چىڭىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى