تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

مېۋە تەخسىسى مول بولسا كىرىم تېز ئاشىدۇ مېۋە - چېۋىلەر ئوخشىسا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مۇقىم بولىدۇ

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست خاس باغ - ئورمانچىلىقنى ئىلمىي تەرەققىي قىلدۇردى −

مېۋە تەخسىسى مول بولسا كىرىم تېز ئاشىدۇ مېۋە - چېۋىلەر ئوخشىسا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مۇقىم بولىدۇ

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

ھازىر ياڭاق باشقۇرۇش، پەرۋىش قىلىش مەزگىلى، قاراقاش ناھىيەسىدىكى يېزا ئىگىلىك تېخنىكا يېتەكچىسى زاۋا بازىرى يېڭىئۆستەڭ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى ئابلەت مەمەتنىڭ ياڭاقلىقىغا كېلىپ يېڭى سورتلارنى ئۇلاشقا يېتەكچىلىك قىلدى. «يېڭى سورتلارنى ئۇلىغاندا، ياڭاقنىڭ ھوسۇلى ۋە سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ» دېدى ئابلەت.

ياڭاق، چىلان، ئانار، گىلاس... جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ خاس باغ - ئورمىنى باغۋەنلەرنىڭ «تىللا تۆكۈلىدىغان دەرىخى» بولۇپ قالدى. 2019 - يىلى، پۈتۈن شىنجاڭدا باغ - ئورمان كۆلىمى 21 مىليون 677 مىڭ 400 مو بولۇپ، باغ - ئورمانچىلىقتىن قىلىنغان كىرىم پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمىنىڭ تەخمىنەن %25ىنى ئىگىلىدى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قىسمەن ناھىيە - شەھەرلەردە ئىگىلىگەن نىسبىتى %45تىن ئېشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىش

ياڭاق ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ياركۆۋرۈك يېزىسىدىكى دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى ئاساسلىق يوللارنىڭ بىرى، بۇ يىل، بۇ يېزا جىغان كەسپىنى يېتىشتۈرۈشنى يەنە زورايتتى. «بىز يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ياڭاقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە جىغان ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ دېھقان ئائىلىلىرىگە نەپ يەتكۈزۈشىمىز كېرەك»دېدى ياركۆۋرۈك يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ لىچۈن.

بۇ يىل، ئاقسۇ ۋىلايىتى ھەرقايسى ناھىيە - شەھەرلەرنىڭ ئۆز يېرىدە ئۆستۈرۈشكە ماس كېلىدىغان خاس باغ - ئورمان مەھسۇلاتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالدىن ۋە نۇقتىلىق قوللاپ، ناھىيە - شەھەرلەرنىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگىلىك باغ - ئورمان كەسپىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ياڭاق، چىلان، ئالما، ئۈزۈم، جىغان قاتارلىق ئەۋزەل باغ - ئورمان سورتلىرىنى ئاساس قىلغان كۆپلىگەن ئەۋزەللىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش رايونىدا 10 مىڭ مودىن 50 مىڭ موغىچە سۈپەتلىك مېۋە - چېۋە يادرولۇق رايونى بىردەك بەرپا قىلىندى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئىلمىي تەڭشەش، ئەلالاشتۇرۇش، يېڭى سورتلارنى ئۆستۈرۈشنى كېڭەيتىش جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم تۇتقا بولۇپ قالدى.

3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، يەكەن ناھىيەسىنىڭ مىشا بازىرى شامالباغ كەنتىدىكى باغۋەن ئابدۇرازاق ئابدۇلنىڭ گىلاسلىقىدا، گىلاس دەرەخلىرى بىر - بىرلەپ غۇنچىلاپ، ئۇنى ناھايىتى خۇشال قىلىۋەتتى.

ئابدۇرازاق كەنتتىكى نامرات ئائىلە، 2009 - يىلىدىن باشلاپ گىلاس ئۆستۈرگەن بولۇپ، بەش مو يەردىكى گىلاسنىڭ پايدىسىنىڭ يامان ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ، بۇلتۇر ئۇ يەنە 25 مو يەرنى ھۆددىگە ئالدى، بۇ يىل ئۇنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىدىن ئۈمىد بار. بۈگۈنكى كۈندە، شامالباغ كەنتىدىكى 1200 مو يەردىكى گىلاس كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان يەنە بىر يول بولۇپ قالدى.

يەكەن ناھىيەسى يېڭى سورتلارنى ئۆستۈرۈشنى تۈرتكە قىلىپ، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ تەدبىرى قىلدى. نۆۋەتتە، بۇ ناھىيەدە ئۆستۈرۈلگەن 50 مىڭ مودىن ئارتۇق گىلاس، 48 مىڭ مو غەينۇلا دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى يېڭى يولغا ئايلاندى.

ئۆلچەملەشكەن باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش

«شاخقا جازا قويۇپ، ئارتۇق شاخلارنى چاتاپ، ئاندىن ئوغۇتلاش، سۇغىرىش كېرەك، مۇشۇنداق باشقۇرۇپ پەرۋىش قىلغاندا ئانارنىڭ دانىسى توق، تاتلىق بولىدۇ.» 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، گۇما ناھىيەسىنىڭ پىيالما يېزىسى ئانارلىق يېڭى كەنتىدە، گۇما ناھىيەسى سەيتۇللا بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى خې يىپىڭ دېھقانلارنى تەشكىللەپ ئانارلارنى ئېچىۋاتاتتى.

ئىلمىي باشقۇرۇش، پەرۋىش قىلىش ئۇسۇلىغا ئۆلچەملەشكەن باشقۇرۇشنى قوشۇش كەنت ئاھالىسى ئەلى ئوسمانغا خېلى ياخشى پايدا يەتكۈزدى، «بۇلتۇر 50 مىڭ يۈەنلىك ئانار ساتتىم، بۇ يىل مەن تېخىمۇ ياخشى باشقۇرۇپ، كىرىمىمنى 60 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزۈشكە تىرىشىمەن» دېدى ئۇ.

گۇما ناھىيەسى پىيالما يېزىسىنىڭ يېزا باشلىقى ئامانگۈل مەمەت تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يېزىنىڭ ئانار ئۆستۈرۈش كۆلىمى 24 مىڭ مو بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە مېۋىگە كىرگەن كۆلەم 18 مىڭ مو، ھەممىسى يېشىل يېمەكلىك ئۆلچىمى بويىچە ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. 2019 - يىلى پۈتۈن يېزىنىڭ ئانار ھوسۇلى 10 مىڭ توننا بولۇپ، مەھسۇلات قىممىتى 110 مىليون يۈەننى بۆسۈپ، ئوتتۇرىچە ساپ كىرىم 16 مىڭ يۈەن بولدى. بۇ يىل، يېزا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆلچەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، بۇلتۇرقى ئاساستا كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمنى 800 يۈەن ئاشۇرۇشقا تىرىشىدۇ.

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ئىلمىي، ئۆلچەملەشكەن باشقۇرۇش ئارقىلىق مېۋە - چېۋىلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، «شىنجاڭ تەمى»نى ھەممە يەرگە تاراتتى.

بۇ يىل، ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ جامالتېرەك يېزىسى ھۆك مەھەللە كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى مەمەت ئەيسا بۇلتۇرقى 11 مو يەردىكى غەينۇلا ئاساسىدا يەنە ئون مو يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ غەينۇلا تىكتى.

«ناھىيە - يېزىدىكى تېخنىكلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئائىلىمىز بۇلتۇر غەينۇلادىن 100 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدۇق. بۇ يىل، مەن ئۆستۈرۈش كۆلىمىنى كېڭەيتتىم، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىنى كۆپرەك قوبۇل قىلىپ بىرلىكتە ئىشلەشنى ئويلىشىۋاتىمەن» دېدى مەمەت ئىشەنچكە تولغان ھالدا.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاقتۇ ناھىيەسى «ھۆكۈمەت يېتەكلەش، سىياسەتتە مايىل بولۇش، تۈرلەر ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش»تىن ئىبارەت بەش تۈرلۈك تەدبىر ئارقىلىق، پۈتۈن ناھىيەدىكى 39 مىڭ مو باغ - ئورمانغا قارىتا سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش باشقۇرۇشىنى قانات يايدۇردى، 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنىگىچە، ياڭاق، غەينۇلا، بارىن ئۆرۈكى قاتارلىق مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئۇلاش، سۇغىرىش، ئوغۇتلاشنى باشقۇرۇش، كېسەل ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، شەكىلگە كىرگۈزۈپ چاتاش قاتارلىق ئۆلچەملەشكەن باشقۇرۇش، پەرۋىش خىزمىتىنى تاماملىدى. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل ياڭاق، غەينۇلا ھوسۇلى %15 ئەتراپىدا ئاشىدىكەن، ئەلا سۈپەتلىك مېۋە - چېۋە نىسبىتى %20 ئەتراپىدا ئاشىدىكەن.

كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش

«دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە مەن ئۆزۈمنىڭ ياڭاقلىقىنى باشقۇرىمەن، دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسالدى مەزگىلىدە مەن ياڭاق پىششىقلاش ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا بېرىپ ئىشلەيمەن، ياڭاق ماڭا ۋە باشقا كەنت ئاھالىلىرىگە قوش كىرىم ئېلىپ كەلدى» دېدى 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسى توخۇلا يېزىسى خېپەن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى قۇدرەت بوساق. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خېپەن كەنتى ئىككى مېۋىچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، پۈتۈن كەنت ئىشلەپچىقارغان ياڭاقلارنى سېتىۋېلىپ پىششىقلاپ ئىشلىدى، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بېسىق مەزگىلىدە يەنە 100دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

بۇيىل، ئاقسۇ ۋىلايىتى مېۋە - چېۋىلەرنى چىققان جايىدا پىششىقلاش ياردەم پۇلى سىياسىتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دەرىجىگە بۆلۈپ ئايرىش، دەسلەپكى ئوراپ قاچىلاش ۋە زاپاس ساقلاش، يېڭى پېتى ساقلاش قاتارلىق ھالقىلارنىڭ سەۋىيەسى ۋە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، دېھقانلار باغ - ئورمان ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋە ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك يېڭى تىپتىكى تىجارەت سۇبيېكتلىرىنى يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنى گەۋدىلىك ياخشى ئىشلەپ، يېڭى تىپتىكى تىجارەت سۇبيېكتلىرىنى يېتىشتۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قوللاش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مالىيە، باج يىغىش، يەر، كىرېدىت، سۇغۇرتا قاتارلىقلارغا دائىر سىياسەت ئارقىلىق يۆلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مېۋە - چېۋىلەرنى پىششىقلاش ئىقتىدارى، مېۋە - چېۋىلەرنىڭ سۈپەتلىك مېۋە نىسبىتى ۋە ئۈلگە كۆرسىتىپ تۈرتكە بولۇش رولىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇردى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست يېڭى تىپتىكى تىجارەت سۇبيېكتلىرىنى يېتىشتۈرۈش، زامانىۋى ماركېتىڭ ئەندىزىسىنى ئالغا سىلجىتىش، ئېلېكتىرونلۇق سودىنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، باغ - ئورمانچىلىقنىڭ سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئاساسىنى پۇختىلىدى.

كۆپ يىل تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق، لوپ ناھىيەسىنىڭ چىلانچىلىق كەسپى تەدرىجىي كۆلەملىشىش، كەسىپلىشىش، ئۆلچەملىشىش، سۈپەتلىك ماركىلىشىش تەرەققىياتىدىكى «تېز سۈرئەتلىك يول»غا قەدەم قويۇپ، خوتەن خۇڭزىۋېي چىلانچىلىق چەكلىك شىركىتى قاتارلىق بىر تۈركۈم باشلامچى كارخانىلار بارلىققا كېلىپ، «خوتەن جۈنزاۋ» «مولەن قورۇقى» قاتارلىق تونۇلغان چىلان ماركىلىرى مەيدانغا كېلىپ، شۇ جايدىكى چىلان ئۆستۈرگۈچىلەرگە ياخشى پايدا ئېلىپ كەلدى.

سۈپەتلىك ماركا بولۇپ نامى چىقسا، مەھسۇلاتلار تېخىمۇ بازار تاپىدۇ. لوپ ناھىيەسى چىلان كەسپى ئىتتىپاقىنى قۇرۇش ئارقىلىق ئەۋزەل بايلىقلارنى بىرىكتۈرۈپ، سېتىش يوللىرى مۇقىم، باھا ئەۋزەللىكى روشەن بولۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردى. «شىركەت − دېھقان ئائىلىلىرى تىپى»دىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىپ، دېھقانلار ئۆستۈرۈشكە مەسئۇل بولدى، شىركەتلەر يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، سۈپەتلىك ماركىلاشتۇرۇش، توردا سېتىش، پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭەيتىشكە مەسئۇل بولدى، ناھىيەدىكى يېزا، كەنت، بازار دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت پونكتلىرىنى ئاساس قىلىش ئارقىلىق بىۋاسىتە يىغىپ، بىۋاسىتە سېتىش شەكلىنى قوللىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتكە سېتىپ، تەمىنلەش زەنجىرىدە كۆپ تەرەپ ئورتاق پايدا ئېلىشتەك ياخشى ئايلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

(مۇخبىر پەرىزات ئابدۇل، قاتناشقان مۇخبىرلار جاڭ جىلى، رايىدە، جاڭ رۈيلىن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار شۈ لۇڭ، ئايزۇلپەر مەمتىمىن)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى