تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

ما زۇگۇاڭ: پەن تەتقىقات ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش بىر ئۆمۈر «نۇر قوغلىشىش»

ما زۇگۇاڭنىڭ سۈرىتى (ماتېرىيال سۈرەت). (شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خاربىن تېلېگراممىسى (مۇخبىر ياڭ سىچى) ما زۇگۇاڭ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، خاربىن سانائەت داشۆسى ئالەم قاتنىشى شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى، ھايات ۋاقتىدا ئۇزاق مۇددەت لازېر نۇرلۇق دىئېلېكتىرىك سىپېكتىر، يېڭى تىپتىكى تەڭشىگىلى بولىدىغان لازېر نۇرى ۋە سىزىقسىز ئوپتىكا ھەم ئەمەلىي قوللىنىش تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. بىر ئۆمۈر «نۇر قوغلىشىش»، پەن تەتقىقات ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئۇنىڭ ھايات كارتىنىسى.

ما زۇگۇاڭ 1928 - يىلى بېيجىڭدا تۇغۇلغان، كېيىن شەندۇڭ داشۆسىدە ئوقۇغان. 1950 - يىلى، ئۇ ۋەتەننىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، خاربىن سانائەت داشۆسىنىڭ ئاسپىرانتلار سىنىپىدا ئوقۇغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە، فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى بولغان.

20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىنىڭ باشلىرىدا، چەت ئەلدە زىيارەتچى ئالىم بولغان مەزگىلدە، ما زۇگۇاڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا «ناترىي قوش ئاتوملۇق مولېكۇلىلىق بىرىنچى ئۈچ قات ھالەتلىك سەكرەپ يۆتكىلىدىغان» يېڭى سىپېكتىرنى بايقىغان. بۇ، خەلقئارادا تۇنجى قېتىم كۆزىتىلگەن مۇشۇ سىپېكتىر رايونىدىكى يالتىراق نۇرلۇق رادىياتسىيە.

لېكىن، ئەينى چاغدىكى چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ما زۇگۇاڭنىڭ نەتىجىسى چەت ئەلنىڭ تەجرىبە ئۈسكۈنىلىرىدىن پايدىلىنىپ قولغا كەلتۈرۈلگەن، دەپ قاراپ، ئىلمىي ماقالىدە ما زۇگۇاڭنىڭ ئىسمىنى ئۈچىنچى ئورۇنغا تىزغان. ما زۇگۇاڭ دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىپ تالاش - تارتىش قىلغان، ئاخىرىدا، بۇ تۈردىكى بايقاش پەقەت ئۇ بىر كىشىگىلا مەنسۇپ دەپ بېكىتىلگەن.

ما زۇگۇاڭ: «مېنىڭ تالاشقىنىم دۆلەتنىڭ ئابرۇيى، دۆلىتىمىز كىشىلىرىنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتى. بۇنى جۇڭگولۇقلار بايقىغان، شان - شەرەپ جۇڭگوغا مەنسۇپ بولۇشى كېرەك» دېگەن.

بۇ تەجرىبىنى ئىشلىگەندە، ما زۇگۇاڭ ئىككى يىلدا 150 جىڭ كەسمە چۆپ يېگەن. باشقىلار كۈندۈزى تەجرىبە ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەتسە، ئۇ باشقىلار دەم ئالغان ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، كەچ سائەت ئالتىدىن ئەتىسى سەھەر سائەت 9غىچە تەجرىبە ئىشلىگەن. ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندە، ما زۇگۇاڭنىڭ چامدانىدا كىيىم - كېچەك ۋە ئاياغدىن باشقا، پەقەت بىر دۆۋە خاتىرە دەپتەر ۋە تەجرىبىخانا ئۈچۈن سېتىۋالغان كىچىك ئەسۋابلارلا بار ئىدى. ئۇ يەنە تېجەپ قالغان تاشقى پېرېۋوتنىڭ ھەممىسىنى دۆلەتكە تاپشۇرۇپ بەرگەن. ئۇ: «چەت ئەلگە چىقىش پۇرسىتى ۋە پۇلنى دۆلەت بەرگەن، مەن ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئۆزۈم ئۈچۈن نەرسە سېتىۋالسام بولمايدۇ» دېگەن.

ما زۇگۇاڭ پەن تەتقىقات، ئىلىم تەھسىل قىلىشتا ئىنتايىن ئەستايىدىل ۋە ئېھتىياتچان ئىدى. ئۇ ھاۋالە بىلەن لازېر نۇرىغا ئائىت بىرتۇتاش تۈزۈلىدىغان بىر دەرسلىك كىتابنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى ئۈستىگە ئېلىپ 250 مىڭ خەتلىك ئارگىنالنى تەھرىرلىگەندە، ھەربىر بەت، ھەربىر قۇر، ھەتتا ھەربىر تىنىش بەلگىلىرى ئۈستىدە ئەستايىدىل مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، ئارگىنالنى بىرقانچە قېتىم ئۆزگەرتكەن. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى نەشرگە بېرىشكە بولىدۇ، دەپ قارىغان ۋاقىتتا، ئۇ يەنە بىر قېتىم تەكشۈرۈپ بېقىش تەكلىپىنى بەرگەن: «ئەستايىدىل ۋە ئېھتىياتچان بولۇش بىلىمگە تۇتۇلغان ئەڭ ئەقەللىي پوزىتسىيە!».

مائارىپ بىلەن شۇغۇللانغان نەچچە ئون يىلدا، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ما زۇگۇاڭ تەتقىقات يۆنىلىشىنى ئۈزلۈكسىز تەڭشەپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ لازېرلىق دىئېلېكتىرىك سىپېكتىر، يېڭى تىپتىكى تەڭشىگىلى بولىدىغان لازېر نۇرى، X نۇر لازېر نۇرى، سىزىقسىز ئوپتىكا تېخنىكىسى، ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق لازېر نۇرى تېخنىكىسى ۋە لازېر نۇرى بوشلۇق ئۇچۇر تېخنىكىسى قاتارلىق كۆپلىگەن يېڭىلىق يارىتىشچان دۇنياۋى ئالدىنقى قاتاردىكى پەن تەتقىقات يۆنىلىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خەلقئارادا لازېر نۇرلۇق تەۋرىنىشتىن ئون تۈرنى ھەممىدىن ئاۋۋال ئىشقا ئاشۇرغان، يېڭى يالتىراق نۇر سىپېكتىر رايونىدىن 17نى بايقىغان، سىزىقسىز ئوپتىكا جەريانىدىن يەتتە تۈرنى ھەممىدىن ئاۋۋال كۆزەتكەن، 13 يېڭى سىپېكتىر رايونىنى ھەممىدىن ئاۋۋال كۆزەتكەن... ما زۇگۇاڭ لازېر نۇرى قۇرۇلۇشىدىن پايدىلىنىشتا جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بىر تۈركۈم مۇھىم، زور تېمىلارنى ئۈستىگە ئېلىپ، خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردىكى سەۋىيەدە تۇرىدىغان ياكى دۆلەت ئىچىدە ئىجادىي بولغان بىر تۈركۈم پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، كۆپ قېتىم دۆلەت تەبىئىي پەن مۇكاپاتى، دۆلەت پاتېنتى ھەمدە ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىك پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

1999 - يىلى، مەكتەپ ئۇنى ئاكادېمىكلار باھالىشىغا قاتنىشىشقا تەۋسىيە قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. 2003 - يىلى، ئۇ ئالەمدىن ئۆتۈشتىن بىر ئاي ئىلگىرى، يەنە تەكلىپكە بىنائەن ئوقۇغۇچىلارغا «ئادەم بولۇش ۋە ئىش قىلىش» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىگەن...

«بىر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسىنىڭ پارتىيەگە، ۋەتەنگە بولغان مۇھەببىتى ناھايىتى كونكرېت بولىدۇ، ئۇنىڭ كونكرېتلىقى ھەر كۈنى قانداق ئادەم بولۇش، قانداق ئىش قىلىش ۋە خىزمەتكە قانداق مۇئامىلە قىلىشتا ئىپادىلىنىدۇ» «باشقىلارنىڭ شارائىتى ھەرقانچە ياخشى بولسىمۇ، ھېچقايسىسى ئۆز دۆلىتىنى ياخشى قۇرۇپ چىقىشقا يەتمەيدۇ»... بۇ، ما زۇگۇاڭنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئاددىي سۆزى، شۇنداقلا ئۇنىڭ دۇنياغا قالدۇرغان مەنىۋى بايلىقى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى