تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش

ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ياڭاقچىلىق ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇش يولىنى ئاچتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز سۈن يۈەنيۈەن، ئىختىيارىي مۇخبىر يى گۇەنيۈ خەۋىرى، فوتوسى): 3-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى ئاقسۇ جىنشاۋ باغۋەنچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئايتۇنەم بىلەن 60 نەچچە ئىشچى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىكى ياڭاق مېغىزلىرىنى يېيىپ، پۈتۈنلىرىنى بىر-بىرلەپ ئايرىدى. ماشىنا ئارقىلىق تاللىنىپ، پوستى ئېلىۋېتىلگەن بۇ ياڭاق مېغىزلىرىنى ئىشچىلار ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىگە تاللاپ تەقسىملەشكە باشلىدى.

  «بۇ ياڭاق تېخى ئەڭ ئاخىرقى مەھسۇلات ئەمەس، پىششىقلاپ ئىشلەنگەندىن كېيىن تېخىمۇ تەملىك بولىدۇ. كۆپ يىل ياڭاق ئۆستۈرۈپ، ياڭاقنى پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق خالتىغا، قۇتىغا ياكى قاپقا قاچىلاپ نەپىس سوۋغاتلىق بۇيۇمغا ئايلاندۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن» دېدى ئايتۇنەم.

  ئايتۇنەم ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئاقتوقاي يېزىسى جىگدىلىك كەنتىنىڭ ئاھالىسى بولۇپ، يولدىشى ئابدۇكېرەم بىلەن ئىككى مو يەردە ياڭاق ئۆستۈرگەن بولۇپ، كىرىمى مۇقىم ئەمەس ئىدى. بۇلتۇر ئاقسۇ جىنشاۋ باغۋەنچىلىك چەكلىك شىركىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەر-خوتۇن ئىككىسى بۇ زاۋۇتتا ئايرىش سېخىنىڭ ئىشچىسى بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئابدۇكېرەم يەنە توشۇش خىزمىتىنىمۇ ئۈستىگە ئالدى.

  «ھازىر زاۋۇتتا تېخنىكا ئۆگىنىپلا قالماي، ھەر ئايدا مۇقىم كىرىمىمىز بار. ياڭىقىمىزنى كارخانا سېتىۋالىدۇ، سېتىشتىن غەم قىلمايمىز» دېدى ئايتۇنەم.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاقسۇ جىنشاۋ باغۋەنچىلىك چەكلىك شىركىتى جېجياڭ ئۆلكىسى چۈجوۋ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن مەبلەغ سېلىنىپ قۇرۇلغان ياڭاق كەسپىنى ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەش تۈرى ئىكەن. بۇ كارخانا يىلىغا 10 مىڭ توننا ياڭاق، ئىككى مىڭ توننا نوقۇت پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان بولۇپ، ياڭاق تاللاش، مېغىزىنى ئېلىش، ئىنچىكە پىششىقلاش، ياڭاق تالقىنى ياساش قاتارلىق 15 خىل ئىشلەپچىقىرىش ئاقما لىنىيەسىنى قۇرغان. 

  ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە ئاقسۇ جىنشاۋ باغۋەنچىلىك چەكلىك شىركىتىگە ئوخشاش ياڭاقنى ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان كارخانىدىن ئالتىسى بار، بۇنىڭدىن باشقا قېلىپلاشقان ياڭاق ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن 97سى بار بولۇپ، ئاساسلىقى ياڭاق كۆك پوستىنى چىقىرىۋېتىش ۋە ياڭاق يۇيۇش، قۇرۇتۇش، دەرىجىگە ئايرىش قاتارلىق دەسلەپكى پىششىقلاپ ئىشلەش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، نامرات ئائىلىلەرنى ياڭاق چاتاش، كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشاراتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كۆچەت پەرۋىش قىلىش، ئوغۇتلاش قاتارلىق تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، 2019-يىلغىچە ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ياڭاق كۆلىمى 318 مىڭ موغا يېتىپ، باغۋەنچىلىك ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %85نى ئىگىلىگەن، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 57 مىڭ 200 توننىغا يېتىپ، سېتىش كىرىمى 859 مىليون يۈەن بولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قول تۇتۇشۇپ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ئاچا-سىڭىللار
  • گۈزەل شىنجاڭنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسى يارقىنلىقى بىلەن كىشىنى مەستخۇش قىلدى
  • چىرايلىق كىيىنىپ ئۇسسۇلغا چۈشۈش