تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

باھار كېلىپ زۇمرەتتەك سۇدا كۆك ئاسمان ئەكس ئەتتى لوپنۇر سۇلۇق يەر باغچىسىدا قۇشلار ئۇچۇپ ئويناشقا باشلىدى

    تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ئايشەمگۈل ئابلا، ئىختىيارىي مۇخبىر لى فېي خەۋىرى، فوتوسى): 3- ئاينىڭ 17- كۈنى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ لوپنۇر ناھىيەسى لوپنۇر دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسىدا، تارىم دەرياسى يەڭگىل چايقىلاتتى، كۆپكۆك ئاسمان ۋە زۇمرەتتەك دەريا سۈيى ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەنىدى، ئاق قۇ، قارا لەيلەك، سۇر لەيلەك، ئۇقار، سېرىق پۇتلۇق ئاق چايكا، يېشىل باش ئۆردەك قاتارلىق قۇشلار سۇدا خۇشال ئويناپ ۋە سەپ تارتىپ ئۇچۇپ، ئاجايىپ بىر گۈزەل مەنزىرىنى شەكىللەندۈردى.

  لوپنۇر ناھىيەسى لوپنۇر دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي گىرۋىكىگە، تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىدىكى رايونغا جايلاشقان. كۆپ يىللاردىن بۇيان، تارىم دەرياسى ئېقىنىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش تۈرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى دەل-دەرەخلەر كۆپىيىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بارا-بارا ياخشىلىنىپ، نۇرغۇن ياۋا قۇشلار بۇ يەرگە كېلىپ ماكانلاشقان.

  ئىگىلىنىشىچە، لوپنۇر دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسىدا دەريا ئېقىنى سۇلۇق يېرى، سازلىق سۇلۇق يېرى، قۇم بارخانلىرى ئارىسىدىكى كۆل، دەريا سېيى قاتارلىق سۇلۇق يەر تىپلىرى بار ئىكەن. بۇ يەردە 10 خىلدىن ئارتۇق سۇلۇق يەر ئۆسۈملۈكى، ئالتە خىل يوقاپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان، قىممەتلىك ئۆسۈملۈك بار ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، باغچا ئىچىدە 160 نەچچە خىل ئومۇرتقىلىق ياۋايى ھايۋان تۈرى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بەش خىلى دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى