يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى خېڭچېڭ شىندا سودا چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىپ خېڭچېڭ شىندا شىركىتى دېيىلىدۇ) يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيا كاپالىتى كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 12-شىسى پارتىيە كومىتېتى ۋە شىنجاڭ تيەنخېڭجى مەبلەغ سېلىش (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى پائال ئادا قىلدى .
ماسكا ئىشلەپچىقىرىش ۋە ياساش تېخنىكىسىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش، كەسپىي ھەمكارلىقنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىش ئۈچۈن، 3-ئاينىڭ 15-كۈنى خېڭچېڭ شىندا شىركىتى خادىملارنى تەشكىللەپ، شىنجاڭ فۇكاڭ جۈجاۋخۇيسېن سەھىيە بۇيۇملىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىپ جۈجاۋخۇيسېن شىركىتى دېيىلىدۇ) ماسكا زاۋۇتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى .
ئېكسكۇرسىيەچىلەر جۈجاۋخۇيسېن شىركىتىنىڭ ماسكا زاۋۇتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا بېرىپ، سېخ قۇرۇلۇشى، ماسكا ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، خام ئەشيا سېتىۋېلىش ۋە مەھسۇلات تۈرى، تېخنىكا ئۆلچىمى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. خېڭچېڭ شىندا شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى شۈ لىڭ مۇنداق دېدى: «ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىشىش، بايلىقنى ئۆزئارا تولۇقلاش ئارقىلىق ماسكا ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى جەھەتتە ئەڭ ياخشى قىممەتكە يېتىشىگە ياردەم بېرىپ، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى پەسەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ قوش غەلىبىسىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.»
ھازىر خېڭچېڭ شىندا شىركىتى جۈجاۋخۇيسېن شىركىتىگە سېتىۋالغان ماسكا ئىشلەپچىقىرىش خام ئەشيالىرى ئارقا-ئارقىدىن توشۇپ كېلىندى، يېڭى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى پات ئارىدا قۇراشتۇرۇلۇپ سىناق قىلىنىدۇ. كېيىنكى قەدەمدە، شىركەت يەنە جۈجاۋخۇيسېن شىركىتى بىلەن بولغان ئالاقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈرلۈك مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئامما جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان، سۈپەت بىخەتەرلىكى تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مەھسۇلاتلارنى بازارغا سالىدۇ.
«学习强国»بىڭتۇەن ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى