تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

خوتەندىكى 850 نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچى كورلا تەرەققىيات رايونىغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى

  3- ئاينىڭ 19- كۈنى، خوتەن ۋىلايىتى چىرا ناھىيەسىدىكى نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرى ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ كارخانىغا يېتىپ بېرىشقا تەييارلىق قىلماقتا.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ شۇاڭ خەۋىرى، فوتوسى): 3- ئاينىڭ 19- كۈنى، «تەرەققىيات رايونى . خوتەن چىرا» نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇراسىمى شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كورلا ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى بەيلۇ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، خوتەن ۋىلايىتىدىكى 850 نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرى مەخسۇس پويىزغا ئولتۇرۇپ كورلىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، كورلا ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى سەككىز كارخانىغا يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىدىغان ئاچقۇچلۇق يىل، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش تاماملىنىدىغان يىل. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى، مۇقىملىقنىڭ ئاساسى. بۇ قېتىم خوتەن ۋىلايىتى چىرا ناھىيەسىدىن كەلگەن 850 نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچى تەربىيەلەنگەندىن كېيىن، كورلا ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى جوڭتەي توقۇمىچىلىق گۇرۇھى شىركىتى، لىتەي يىپەك يولى شىركىتى قاتارلىق سەككىز كارخانىغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن. ھەرقايسى كارخانىلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇنقى تەربىيەلىنىش، سىياسەت تەشۋىقاتى، مۇلازىمەت، باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا زور كۈچ سەرپ قىلىپ، يۆتكەلگەن ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن.

  2017-يىلىدىن بۇيان، كورلا ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىنى زىچ چۆرىدەپ، «كەسىپ ئارقىلىق كىشىلەرنى خاتىرجەم قىلىش، كەسىپ ئارقىلىق كىشىلەرنى باشقۇرۇش، كەسىپ ئارقىلىق كىشىلەرنى مۇقىم قىلىش»تەك نىشاننى كۆزلەپ، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستىنىڭ ئۆز قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىنى قوللاپ، نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىگە ئاكتىپ تۈرتكە بولۇپ، ھازىرغىچە جەمئىي 1103 كىشىنى قوبۇل قىلىپ ئورۇنلاشتۇرغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى