ھاڭگىرت، كۆك غاز، ئاق قۇ، يېشىل باش ئۆردەكلەر توپ-توپ بولۇپ بۇ يەرگە ماكانلاشتى.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ، يېقىندا شىنجاڭ قابا ناھىيەسى ئاقچى دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسى زور بىر تۈركۈم ياۋا قۇشلارنى كۈتۈۋالدى.
سۇلۇق يەر ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلىۋاتقان يىڭنە قۇيرۇقلۇق ئۆردەك.
كۆك غاز سۇلۇق يەردە ئوزۇقلۇق ئىزدىمەكتە.
سۇلۇق يەردىكى چوڭ ئۇقارلار.
سۇلۇق يەرگە ماكانلاشقان يىڭنە قۇيرۇقلۇق ئۆردەك.
ئاق قۇلار «一» خېتى شەكلىدە سەپ تۈزۈپ ئۇچۇپ سۇلۇق يەرگە يېتىپ كەلدى.