تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز چۆ . خۇرە خەۋىرى، فوتوسى): 3-ئاينىڭ 17-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى شىگشىن بازىرى خوردۇن كەنتى 3-گۇرۇپپىسىدىكى دېھقانلار چىلان كۆچىتىنى كولاپ چىقاردى ھەمدە سېتىشقا تەييارلىق قىلدى. تېمپېراتۇرىنىڭ تەدرىجىي ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ كۆچەت تىكىپ ئورمان بەرپا قىلىشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىگە كىردى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، يەنجى ئويمانلىقىغا جايلاشقان 100 مىڭ مودىن ئارتۇق چىلان كۆچىتى، كىچىك جىگدە كۆچەتلىرى ئارقا-ئارقىدىن كولاپ چىقىرىلىپ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلارغا سېتىلىشنى كۈتمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلار يەنجى ئويمانلىقىدا كۆچەت يېتىشتۈرگۈچى ئائىلىلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ، چىلان، كىچىك جىگدە قاتارلىق مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئۆستۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، كىرىمنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت «قوش ئۈنۈم»نى قولغا كەلتۈردى.
بايىنغولىن گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى