تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيەت تەھلىل قىلىندى  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇش تەتقىق قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيەت تەھلىل قىلىندى    يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇش تەتقىق قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى يىغىن ئېچىپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇشنى تەتقىق قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپى تېز ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىتى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىنىپ ۋە كېڭىيىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتا پائال نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز يەنە كۆپلىگەن يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىۋاتىمىز، بولۇپمۇ چېگرا سىرتىدىكى يۇقۇمنىڭ كېڭىيىشى، يامرىشى ھەم ئۇنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا كۆرسەتكەن پايدىسىز تەسىرى دۆلىتىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغىمۇ يېڭى خىرىس ئېلىپ كەلدى. دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيەتتىكى باسقۇچلۇق ئۆزگىرىشلەرنى توغرا ئىگىلەپ، خىزمەتنىڭ كۈچەش نۇقتىسى ۋە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ۋاقىت، ۋەزىيەتكە قاراپ تەڭشەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلىتىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى يۇقۇم ۋەزىيىتىنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە كەسكىنلىكىنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەك. خۇبېي ۋە ۋۇخەننىڭ تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش، مەھەللىدە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە كېيىنكى خىزمەت ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل، ئېغىر، باشقا رايونلاردا خادىملارنىڭ يۆتكىلىشى ۋە توپلىشىشىنىڭ كۆپىيىشى ئېلىپ كېلىدىغان يۇقۇمنىڭ قايتىلىنىش خەۋپ - خەتىرى يەنىلا مەۋجۇت، بولۇپمۇ خەلقئارادا يۇقۇمنىڭ تېز سۈرئەتتە يامرىشى ئېلىپ كەلگەن كىرىش خاراكتېرلىك خەۋپ - خەتەر كۈچەيدى. تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمەتلىرىنى قىلچە بوشاشماي چىڭ تۇتۇش، پۇختا تۇتۇش، ئىنچىكە تۇتۇش كېرەك، تەستە قولغا كەلگەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ۋەزىيىتىدە تەتۈر بۇرۇلۇش كۆرۈلۈشىگە قەتئىي بولمايدۇ. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، يەر شارىۋى يۇقۇمنىڭ ئۆزگىرىشىنى تەھلىل قىلىش - مۆلچەرلەشنى كۈچەيتىپ، كىرىش خاراكتېرلىك خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇشتىكى ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرى ۋە سىياسەت - تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، داۋاملىق چامىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بىلەن تەمىنلەش كېرەك. چېگرا سىرتىدىكى دۆلىتىمىز پۇقرالىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلىشىگە قارىتا يېتەكچىلىك ۋە قوللاشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغداش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: نۇقتىلىق رايونلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئىلمىي، دەل جايىدا ياخشى ئىشلەش كېرەك. خۇبېي ئۆلكىسى ۋە ۋۇخەن شەھىرى باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچان بولۇپ، بىرلا غەيرەت قىلىپ، خۇبېينى قوغداش جېڭى، ۋۇخەننى قوغداش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشى كېرەك. تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئېغىر ئاغرىقلارنى يۇقىرى سەۋىيەلىك بېكىتىلگەن دوختۇرخانىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ساقىيىش نىسبىتىنى تىرىشىپ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. مەھەللىدە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقۇم يوق مەھەللە ئاھالىلىرىنىڭ پائالىيەت بوشلۇقىنى تەرتىپلىك كېڭەيتىش كېرەك. ۋۇخەن شەھىرى ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەدرىجىي ئالغا سىلجىتىشى، خۇبېي ئۆلكىسىدىكى باشقا رايونلار باشقۇرۇش - تىزگىنلەش تەدبىرىنى پۇختا، تەرتىپلىك ئەمەلدىن قالدۇرۇشى كېرەك. خۇبېي ئۆلكىسى ئالاقىدار ئۆلكىلەر بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللىشىپ، «نۇقتىدىن نۇقتىغا، بىر كۆزنەك» شەكلىدىكى ئىش ئورنىغا قايتىدىغانلارنى توشۇش، باشقا جايلاردىن كېلىپ خۇبېيدا تۇرۇپ قالغان خادىملارنى يۇرتىغا قايتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى، خادىملار بارغان جاي تەۋەلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ئادىمىيەت غەمخورلۇقىنى كۈچەيتىپ، پىسخىكىلىق يېتەكلەشنى تەشكىللىك قانات يايدۇرۇپ، يۇقۇمدىن كېيىنكى قېپقالغان ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، جەمئىيەتتىكى زىددىيەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش كېرەك. بېيجىڭ قاتارلىق باشقا نۇقتىلىق رايونلاردا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تاكتىكىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سانلىق مەلۇماتلاردىن ھەمبەھرىلىنىش، ئۇچۇرنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش ۋە چېگرادىن كىرگەن خادىملارنى تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى، پورت كارانتىنى، مەنزىلگە يەتكۈزۈش، مەھەللىدە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە يېپىق ھالقا شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تاكتىكىسىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە قۇتقۇزۇش - داۋالاش تەجرىبىلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىشنى كۈچەيتىپ، بىرلىشىپ پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى كۆپ خىل ئامىلنىڭ تەسىرىدە، ھازىر دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى سىجىل زورىيىۋاتىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۈرۈشۈش تەرتىپىنى تېزدىن ئورنىتىپ، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى پائال، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، يۇقۇم پەيدا قىلغان زىياننى تىرىشىپ ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشى كېرەك. ئۆلكىنى بىرلىك قىلىپ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەۋەلىكىدىكى ناھىيە، رايونلارنىڭ ھەممىسىدە خەۋپ - خەتەر تۆۋەن بولغان ئۆلكىلەر نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك. خۇبېي، بېيجىڭدىن باشقا، ئۆلكە ئىچىدە يەنىلا خەۋپ - خەتەر ئوتتۇراھال ناھىيە، رايونلار بولغان ئۆلكىلەرگە قارىتا، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك. خەۋپ - خەتەر تۆۋەن رايونلار ئارىسىدىكى ئادەم ۋە ماللارنىڭ يۆتكىلىشىدە، زۆرۈر ساغلاملىق ئىسپاتىنى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش، قايتا توسالغۇ پەيدا قىلماسلىق، خادىملارغا قارىتا ئايرىۋېتىش تەدبىرى قوللانماسلىق كېرەك. ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ئادەم ئىشلىتىش، مەبلەغ، خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ئېھتىياجلىرىنى ھەل قىلىشنى چۆرىدەپ، قاراتمىلىق ھالدا دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، «توسۇق نۇقتا»نى راۋانلاشتۇرۇپ، «ئۈزۈك نۇقتا»نى تولۇقلاش كېرەك. قانۇن مۇلازىمىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، توختامغا ئەمەل قىلىش، كارخانا قەرزى، ئەمگەك ئىش ھەققى مۇناسىۋىتى قاتارلىق تالاش - تارتىشلارنى ۋاقتىدا ھەل قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: خەلقئارا ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە ھۆكۈم قىلىش ۋە ئۇنى تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىپ، ۋاقتىدا قاراتمىلىق سىياسەت - تەدبىر تۈزۈش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە تاشقى ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىغا تەڭ ئېتىبار بېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئالدىنقى شەرتى بىلەن، سودا ئىشلىرى خادىملىرىنىڭ باردى - كەلدىسىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىپ، خەلقئارا تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ راۋانلىقىنى ساقلاپ، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش، كۆرگەزمە - يىغىن مۇلازىمەت ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، تۈرلۈك ئىقتىساد سودا پائالىيەتلىرىنىڭ نورمال قانات يايدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.