تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى تۇنجى تۈركۈمدىكى كوللېكتىپ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى

3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ساياھەتچىلەر تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىدا سەيلە قىلماقتا.

(جېن مېي فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ياۋ گاڭ خەۋەر قىلىدۇ: «يېرىمى سۈزۈك مۇز، يېرىمى سۇ بولغان بوغدا كۆلى تولىمۇ گۈزەل ئىكەن!» 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تېببىي خىزمەتچىلەر ھەمدە ئائىلە تەۋەلىرى، جەنۇبىي شىنجاڭلىق ئىشلەمچى قاتارلىقلاردىن بولۇپ 600 دىن ئارتۇق ئادەمنى كۈتۈۋالدى، بۇ، مەنزىرە رايونى ئېچىۋېتىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن كۈتۈۋالغان تۇنجى تۈركۈم كوللېكتىپ ساياھەتچى.

شۇ كۈنى، سانجى ئوبلاستى «بىر نىيەتتە ھەمسەپەر قىلىپ، شىنجاڭغا مۇھەببەت باغلاش» ئاممىۋى مەنپەئەت ساياھەت يۈرۈشلۈك پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، سانجى ئوبلاستىدىكى تېببىي خىزمەتچىلەر، جەنۇبىي شىنجاڭدىن سانجى ئوبلاستىغا كەلگەن ئىشلەمچىلەرنى تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە باغچىسىدا ساياھەت قىلىشقا تەكلىپ قىلدى.

شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى ئىللىق قۇياش نۇرىغا چۆمۈلگەنىدى. تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزىدىكى چوڭ ئېكراندا مەنزىرە رايونىنىڭ ھاۋا سۈپىتى ئەلا، مەنپىي ئوكسىگېن ئىيونى مىقدارىنىڭ ھەربىر كۇب سانتىمېتىردا 66 مىڭ 300 ئىكەنلىكى كۆرسىتىلىپ تۇراتتى. ھاۋاسى ساپ بوغدا كۆلى ساياھەتچىلەرنىڭ كۆڭلىنى يايراتتى، چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلەندۈردى.

سانجى ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسى يۇقۇملۇق كېسەللەر تارماق دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى ۋېي ۋېي چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنىدىن باشلاپلا ئىزچىل دوختۇرخانىنىڭ قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىدە نۆۋەتچىلىك قىلىپ، نۆۋەتلىشىپ دەم ئالغاندىمۇ دوختۇرخانىدا ئايرىۋېتىلىپ، 3 - ئاينىڭ بېشىدا ئاندىن ئۆيىگە قايتقانىدى، 3 - ئاينىڭ 16 - كۈنى دوختۇرخانا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئۇنىڭغا تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى ۋە شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە باغچىسىغا بېرىپ ساياھەت قىلىشنى ئۇقتۇردى. «بۈگۈن دەل دەم ئېلىشىم تەڭشەلگەنىدى، شۇنىڭ بىلەن خوتۇنۇم ۋە قىزىمنى ئېلىپ بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشتىم. تاغقا يامىشىپ، ساپ ھاۋادىن قانغۇچە نەپەس ئېلىپ ھاردۇقۇم چىقتى» دېدى ۋېي ۋېي.

لوپ ناھىيەسىنىڭ دول يېزىسى چوڭقۇر ئۆستەڭ كەنتىدىن كەلگەن مەمەت ئابدۇللا شىنجاڭ زىرۇي ئاليومىنچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشچىسى، شىركەت ئۇنىڭغا تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىنى ھەقسىز ساياھەت قىلىشنى ئۇقتۇرغاندا ئۇ ئىنتايىن ھاياجانلاندى. «بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم بوغدا كۆلىگە كېلىپ ساياھەت قىلىشىم، بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى ھەقىقەتەن بەك گۈزەل ئىكەن. مەن ياخشى ئىشلەپ، تىرىشىپ پۇل تېپىپ، كېلەر قېتىم ئائىلەمدىكىلەرنى ئېلىپ بوغدا كۆلىنى بىللە ساياھەت قىلغىلى كېلىمەن» دېدى مەمەت.

ھازىر، سانجى ئوبلاستىدىكى كۆپلىگەن مەنزىرە رايونلىرى ئارقا - ئارقىدىن ئېچىلىپ، بىر قىسىم ساياھەت كوپىراتىپلىرى سانجى ئوبلاستى تەۋەسىدە بىر كۈنلۈك ساياھەت قىلىش، ئىككى كۈنلۈك ساياھەت قىلىش پائالىيەتلىرىنى يولغا قويدى. تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى ئەتراپتا ساياھەت قىلغۇچىلار، كىچىك كوللېكتىپ ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىيىش يۈزلىنىشىگە ئاساسەن، كاسات پەسىل ئىشىك بېلىتىنى 4 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە كېچىكتۈرۈشنى ھەم لەگلەك بايرىمى قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى مەنزىرە رايونىغا كىرىشكە جەلپ قىلىشنى قارار قىلدى.

سانجى ئوبلاستى يەنە بىر يۈرۈش سىياسەتلەرنى چىقىرىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت كارخانىلىرىغا قارىتا مۇكاپات، ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىپ، ساياھەت بازىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە «ساياھەت+ مەدەنىيەت» «ساياھەت+ئىستىراھەت» قاتارلىق يۈرۈشلۈك ساياھەت پائالىيەتلىرىنى يولغا قويۇپ، ئەتىيازلىق ساياھەتنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئېنېرگىيە توپلايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى