تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

بۇ يىل ئاقسۇ ۋىلايىتى 386 مىڭ 400 مو يەردە ئورمان بىنا قىلىشنى پىلانلىدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز ليۇ خوڭۋېن، ئىختىيارىي مۇخبىر شۈ لوڭ، ئابلەت خەۋىرى): ئەتىياز كۆچەت تىكىشنىڭ ياخشى پەيتى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ھەر قايسى جايلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئاساسىدا، ئەتىيازلىق كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى.

  3-ئاينىڭ 13-كۈنى، توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ئۇچقات يېزىسى يۇلغۇنشەھەر كەنتىدە، كەنت ئاھالىلىرى ھۆكۈمەتنىڭ بىر تۇتاش تەشكىللىشىدە بىر پارچە قاقاس جايغا كېلىپ كۆچەت تىكتى. «كۆچەت تىككەندە قۇم-بوراننى تىزگىنلىگىلى، مۇھىتنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ، بىز ھەريىلى كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتنىشىمىز» دېدى كەنت ئاھالىسى ئەخمەت ئوسمان.

  3-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئونسۇ ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىدارىسىنىڭ گۈلئاۋات يېزىسى مەھەللە ئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى پارتىيە ئەزالىرى، ئىتتىپاق ئەزالىرى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى ۋە كەنت ئاھالىلىرىنى خالىس كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش پائالىيىتىگە تەشكىللىدى، شۇ كۈنى 2000 تۈپتىن ئارتۇق تېرەك كۆچىتى تىكىلدى. «كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش كېيىنكى ئەۋلادلارغا بەخت يارىتىدىغان ياخشى ئىش، بىز ھەممىمىز ئاكتىپ قاتنىشىمىز» دېدى كەنت ئاھالىسى مەخمۇت.

  شۇنىڭدەك، باشقا ناھىيە(شەھەر) لەردىمۇ كەڭ كادىرلار، ئامما كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، يۇرت-ماكانىنى كۆكەرتىش ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسە قوشتى.

  مۇخبىرلارنىڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2020-يىلى ئاقسۇ ۋىلايىتى 386 مىڭ 400 مو يەردە ئورمان بىنا قىلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە مەركەزلىك ھالدا تۇتاش كەتكەن قاقاسلىقلارنى كۆكەرتىش كۆلىمى 213 مىڭ 200 مو، ئىھاتە ئورمىنى 82 مىڭ 800 مو، ئىقتىسادىي ئورمان 90 مىڭ 400 موغا يېتىدىكەن. بۇ يىل كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشتا ئاقسۇ شەھىرى كوڭتەيلىك رايونى ۋە ئۆگەن دەريا ۋادىسى يەنىلا مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ، دۆلەت ئۆلكە يولى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول بويلىرى ۋە ئايرودۇرۇم، سۇ ئامبىرى، قاقاس جايلار ئاساس قىلىنىپ، سۈنئىي ئورمان بىنا قىلىنىدىكەن ۋە ئورمان تولۇقلاپ تىكىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى